رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىمدىكى تەسىراتلىرى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20 - نويابىر كۈنى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ، 24 - نويابىر كۈنى رىم شەھىرىدىكى رىم ئىمپېرىيىسىدىن قالغان تارىخى يەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.11.24
Rabiye-hanim-yapondiki-ziyaritide-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺭﯨﺘﺴﯘﻣﯧﻴﻜﺎﻥ ﺋﯜﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

رىم ئىمپېرىيىسى مىلادىدىن بۇرۇن 100 - يىلى ئاۋگۇستۇس رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان. مىلادىدىن كېيىن 395 - يىلى بۇ ئىمپېرىيىسى غەربىي ۋە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى 476 - يىلىدا يىمىرىلگەن بولۇپ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بولسا 1453 - يىلى فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئىستانبۇلنى قولغا چۈشۈرۈشى بىلەن يىمىرىلگەن.

رىم ئىمپېرىيىسىگە ئائىت تارىخىي ئاسارە - ئەتىقىلەر بۈگۈنكى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىدە قوغدالماقتا. رابىيە قادىر خانىم 2000 يىل بۇرۇن رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە كېسەك بىلەن سېلىنغان بىنالارنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا خىتايلارنىڭ قەشقەردىكى ئۆيلەرنى قانداق يوق قىلىۋاتقانلىقى كۆز ئالدىغا كېلىپ بىئارام بولغان.

رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي دىكتاتورلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلماستىن يوق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئاز دەپ ئۇيغۇرلارنىمۇ يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرى ياۋروپانىڭ پايتەختى ھېسابلاشقا بولىدىغان قەدىمىي تارىخقا ئىگە. بۈگۈن 3 مىليونلۇق نوپۇسى بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەردىن بىرى. رابىيە قادىر خانىم بۇ شەھەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.