رابىيە قادىر خانىم تەيۋەنگە بېرىش تەكلىپىگە ماقۇل بولدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم، چارشەنبە كۈنى تەيۋەندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن رابىيە خانىمنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىپ كەلگەن تەيۋەن ياش ناخشا چولپىنى Freddy بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەنگە بېرىش تەكلىپىگە ماقۇللۇقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.09.23
Rabiye-xanim-Teywen-naxsha-cholmpini-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ، 23 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ ﻳﺎﺵ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ Freddy ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Gulchehre

ئەگەردە رابىيە خانىمنىڭ ۋىزا ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاندا، ئۇ، 11 - ئايلارنىڭ ئاخىرلىرىدا تەيۋەنگە سەپەر قىلىشى مۇمكىن.

23 - سېنتەبىر كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئىشخانىسىدا، تەيۋەندىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەن تەيۋەن ياش ناخشا چولپىنى فرېددينى كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇچۇق سۆھبىتىگە 10 غا يېقىن ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلدى.

تەيۋەندىكى داڭلىق ناخشا ئانسامبىللىرىدىن شەنلىڭ ئانسامبىلى ئاساسلىق ناخشىچىسى نىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزىنىڭ تەيۋەن خەلقى ھەم تەيۋەندىكى بىر قانچە ئىنسان ھەقلىرى ھەمدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار نامىدىن رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە زىيارەتكە رەسمىي تەكلىپ قىلغاندا، رابىيە قادىر خانىم ئۇنىڭ تەكلىۋىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، تەيۋەن خەلقى بىلەن ئۇچرىشىش ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشقا چوقۇم مۇۋاپىق ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىم Freddy بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى ھەمدە ئەگەردە ۋىزا ئىشلىرى ئوقۇشلۇق بولغاندا تەيۋەنگە چوقۇم زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تەيۋەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەتتا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە بېرىش ئۈچۈن ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغان قىلمىغانلىقى، قانداق پاسپورت ئىشلىتىۋاتقانلىقىدەك ئىنتايىن نازۇك سوئاللىرىغا دۇچ كەلدى.
Rabiye-xanim-Teywen-naxsha-cholmpini-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ، 23 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ ﻳﺎﺵ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ Freddy ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Gulchehre

رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ بىرىنىڭ "سىز ئۆزىڭىزنى مەن بىر جۇڭگولۇق، ياكى جۇڭگو پۇقراسى دەپ قارامسىز؟" دېگەندەك سوئاللىرىغىمۇ سەمىمىي جاۋابلارنى بەردى.

16 - ئۆكتەبىردىن 29 - ئۆكتەبىرگىچە تەيۋەننىڭ گاۋشۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلىدىغان 77 فىلىم ئىچىگە، ئاۋستىرالىيەلىك رېژىسسور Jeff Daniels تەرىپىدىن ئىشلەنگەن رابىيە قادىر خانىم تونۇشتۇرۇلغان "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىممۇ تاللانغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى فىلىمنىڭ تەيۋەندە قويۇلىشىغا ئىنتايىن جىددىي مۇئامىلە قىلىپ تۈرلۈك يوللار بىلەن توسقۇنلۇق يارىتىشقا تىرىشماقتا. ھالبۇكى مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى گاۋشوڭدا ئالاھىدە فىلىم قاتارىدا، فېستىۋال باشلانماي تۇرۇپلا قويۇلۇشقا باشلاپ، تەيۋەندە زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

گەرچە گاۋشيۇڭ شەھەر باشلىقى ھۆكۈمەت تەرەپتىن رابىيە قادىر خانىمنى تەكلىپ قىلمىدۇق دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئالدىدا تەيۋەن ياشلىرىنىڭ كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىرلىكىگە ۋاكالىتەن مۇستەقىل يازغۇچى لىنباۋخۇا ئەپەندى ھەمدە ئۇنىڭ ئايالى رابىيە قادىر خانىمنى ئۆكتەبىردە تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇش ھەمدە گاۋشيۇڭ فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. تەيۋەن ناخشا چولپىنى Freddy رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆكتەبىردىكى پائالىيەتلىرى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، 11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 12 ئايغىچە ئارىلىقتا رابىيە خانىمغنى تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

Freddy يەنە، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلا خەلقئارادا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچرىشىش ئارزۇسى بارلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئۆزى ھەم تەيۋەن خەلقى ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا، ئۇيغۇر داۋاسى خەلقئارالىشىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تەيۋەنگە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا بۇرمىلاپ تېرورىست دەپ كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە بېرىشنىڭ، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي تونۇشى ئۈچۈنمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە پۇرسەت دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتى جەريانىدىكى بارلىق چىقىم ھەم پائالىيەتلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇل بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز رابىيە قادىر خانىم ۋە Freddy نى ئايرىم زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.