رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترىيىنىڭ پايتەختى ۋېيېنادا

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيە، شۋېتسىيە ۋە گېرمانىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاۋسترىيىنىڭ پايتەختى ۋېيېناغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئاۋسترىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنسان ھەقلىرى فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋېيېنادا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق فىلىم قويۇلىدىكەن.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋىستريە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيىتىنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان. 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ۋېيېنادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىدىن نوۋاك ئەپەندىمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتايدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەن جازاسى ھەققىدە توختالغان.

بۇ يىغىنغا كۆپ ساندا مۇخبىر قاتناشقان بولۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاۋىستريە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بېرىلگەن. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم ۋە ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.