رابىيە خانىم ئاۋسترالىيىگە يېتىپ باردى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ خېتى ھەققىدە توختالدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئەتىگەن ئاۋسترالىيىگە يېتىپ باردى. ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم ئەزالىرى رابىيە خانىمنى سىدنېي ئايرودرومىدا كۈتىۋالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.08.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Rabiye-xanim-yaponda-doklat-bermekte-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ،29 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

رابىيە خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتى 10 كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئاخبارات يىغىنى ئېچىش، ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئاۋسترالىيىدىكى تۈرك جامائىتىگە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى 8 - ئاۋغۇست كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى رابىيە خانىم مېلبورندا ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق كىنو فىستىۋالىغا مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ.
 
رابىيە خانىم بۈگۈن سىدنېي ئايرودرومىدا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پەرزەنتلىرىگە يازدۇرۇلغان خەت ئۈستىدە توختالدى.
 
رابىيە خانىمنىڭ توكيو زىيارىتى داۋامىدا، خىتاي ياپونىيىدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ ئەكىتىش ئارقىلىق ياپون ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ئاۋسترالىيىگىمۇ كۆپ قېتىم تەلەپ سۇنۇپ، رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن كىنو فىلىمىنى مىلبورن كىنو فىستىۋالىغا قاتناشتۇرماسلىقنى سورىغان ، ئەمما تەلىپى رەت قىلىنغان ئىدى. رابىيە خانىم بالىلىرىنىڭ خېتى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە ، خىتاينىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ھۇجۇملىرىنىڭ ئۆزىنى توغرا يولدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىنچە تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ قورال كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ بالىلىرىنىڭ تىلىنى ۋە قەلىمىنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى؛ ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى، يەنى ئانا - بالىلىق مېھرىدىن ئىبارەت تەڭرى ئاتا قىلغان بۇ مۇھەببەتنى خىتاينىڭ يوق قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە، "خىتاينىڭ قىلىۋاتقېنى چىدىماسلىق، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىش" دەپ چۈشەندۈردى.

رابىيە خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپى ھەققىدە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ھۈسەن ئەپەندىمۇ مەلۇمات بەردى.

رابىيە خانىم، زىيارىتىمىز ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە بۇ قەدەر ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.