رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە `4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىدا سۆز قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىدە ئېچىلغان` 4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، تۈرمىلەردە، ساقچى ئىدارىلىرىدا قىيناپمۇ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا، نۇقتىلىق ھالدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان.

شىۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان ` 4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىغا 120 دەك دۆلەتتىن مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىنغا رابىيە خانىم بىلەن بىللە قاتناشقان ئالىم سېيىتوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.