رابىيە قادىر خانىم ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى ۋە گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن بىر ھەپتە شىۋېتسارىيىدە، شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە شىۋېتسارىيە پارلامېنتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

شۇنداقلا، گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ شىۋېتسارىيىگە ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش، شۇنىڭدەك شىۋېتسارىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسارىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گېرمانىيىگە كېلىپ، مەركىزى مىيۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىدارىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى بىلەن خىزمەت خۇلاسىسى ۋە يېڭى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈش بىلەن بىرگە، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى.

رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدە مەشھۇر ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى ۋە گېرمانىيە رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. رابىيە خانىم تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ پروگراممىلىرىدا ئايرىم - ئايرىم 2 سائەتكە يېقىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى ۋە گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ رابىيە خانىمنى زىيارەت قىلىش مەقسىتى ھەققىدە شۇنىڭدەك گېرمانىيىدىكى ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىزگە چۈشەندۈرۈش بەردى.

شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى شۇنىڭدەك جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىغا رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەت پروگراممىلىرىنىڭ جىددى بولۇشى سەۋەبلىك مەزكۇر يىغىنلارغا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ۋاكالىتەن قاتنىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى يەنە ئاۋسترالىيە سەپىرى ئۈچۈن يولغا چىقىپ كەتكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىنلار ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەردى ۋە جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئاۋسترالىيىدە يەنە بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى قىلماقچى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.