رابىيە خانىم توكيودا سىياسەتچىلەر ۋە مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ياپونىيىدىكى ئونغا يېقىن تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت - جورناللارنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.10.21
Rabiye-xanim-Yaponiyide-muxbirlar-bilen-sohbette-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 20 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻓﭗ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

بۇلاردىن باشقا يەنە بەزى سىياسەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا بۈگۈنكى ئۇچرىشىشلىرىدا نۇقتىلىق ھالدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە يېقىندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن 12 ئۇيغۇرنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ياپون ھۆكۈمىتىنى ۋە ياپون جامائەتچىلىكىنى خىتايلارغا بېسىم ئىشلىتىشقا چاقىرغان.
 
بىز يەنە رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيىدە 10 ئۇنىۋېرسىتېتتا لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوجى فاكۇلتېتى مۇدىرى نىشىخاۋا سىچى ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىزگە رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشىدىكى مەقسەت ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىگە كېلىشنىڭ ئالدىدا خىتايلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ياپونيىنىڭ دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ خىتايلارغا رەددىيە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، رابىيە قادىر خانىم 10 - ئاينىڭ20 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە ياپونىيىدىكى 10 ئۇنىۋېرسىتېتتا "يىپەك يولىدىكى ئەجدەرھا بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىسى" تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى. شۇنداقلا ياپونچە نەشىر قىلىنغان كىتابىنىمۇ تونۇشتۇرماقچى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.