رامىزان ئېيىنى، روزا تۇتۇش ۋە ئەمەل ‏- ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى

رامىزان ئېيى پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس ۋە خاسىيەتلىك بىر ئاي بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ ئاينى تەنتەنە ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئىسلام دىنىدىكى ئاساسىي پەرزلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.08.13
Ablikimhan-mahsum-ramizan-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻤﺨﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Arslan

پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتىدۇ. بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار باشقا ئايدىكىگە قارىغاندا كۆپرەك ئىبادەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاينى بەزى دىنىي ئالىملار ئىبادەت ئېيى دەپ تەرىپلەيدۇ.

ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ، روزا تۇتۇش ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە بولۇپ، رامىزان ئېيىدا ئۆز ‏- ئارا دوست ‏- بۇرادەرلەر ۋە ئۇرۇق ‏- تۇغقانلار بىر ‏- بىرىنى ئىپتار زىياپىتىگە چاقىرىپ بىرلىكتە ئىپتار قىلىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇپ بىر ‏- بىرىگە بولغان دوستلۇق رىشتى ۋە مېھرى ‏- مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ئايدا بايلار كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىدۇ.

رامىزان ئېيى ۋە بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئاينى مۇسۇلمانلار قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ھۆرمەتلىك دىنى ئالىم ئابلىكىمخان مەخسۇمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىگە قۇلاق سالايلى. ئابلىكىمخان مەخسۇم رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ۋە ئەمەل ئىبادەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى گۇناھتىن يىراق بولۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

بىز يەنە روزا - رامىزان ھەققىدە دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتۇر ئالىمجان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى بىلەن چەتئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ئوخشاشماسلىق پەرقى ھەققىدىكى پىكىر ‏- قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.