ئۇيغۇرلار بۇ رامىزان ئېيىدا ...
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.03
2008.09.03
جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇ مۇبارەك ئاينى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشلىرى تۈپەيلى روزا ئېيىنىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزەلمەي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا. ئۇنداقتا چەتئەللەردە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردە رامىزان ئېيىدىكى پائالىيەتلىرىنى قانداق داۋام قىلىۋاتىدۇ ؟
بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى، دىنىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۇدىرى ھامىد كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى.
بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، مۇخبىرىمىزنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن رەئىسى، كانادادا ياشاۋاتقان مۇھەممەد توختى ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىلەر.









