«دۇنيا ئىسلام ياشلىرى كۇلۇبى» نىڭ ئىفتارلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى
2012.07.31
29-ئىيۇل كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە، مەركىزى جىددە شەھىرىدە بولغان«دۇنيا ئىسلام ياشلىرى كۇلۇبى»نىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى ۋە ئۆلىمالىرىغا ئىفتارلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئىفتار بېرىش پائالىيىتى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلدى.
ئىفتاردىن كېيىن سۈرىيىدىن ۋە سومالىدىن كەلگەن ئۆلىمالار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. بۇ ئارىدا «دۇنيا ئىسلام ياشلىرى كۇلۇبى»نىڭ تەركىبىدىكى «تۈركىستان كومىتېتى» مەسئۇلى ئابدۇراخمان جەلىس ۋە كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزىلەر بۇ چوڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدى. ئالدى بىلەن ئابدۇراخمان جەلىس «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى»دېگەن تېمىدا ناھايىتى تەپسىلىي ھالدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئىفتار پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان 500دىن ئارتۇق مېھمان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى دىققەت بىلەن تىڭشىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى توختى ئاخۇن ئەركىن يازغان «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى» ناملىق كىتاب بىلەن مىسىرلىق مەشھۇر يازغۇچى نەجىب كىلانىنىڭ «تۈركىستان كېچىلىرى»ناملىق داستانىنى مېھمانلارغا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جەلپ قىلىشتا غەلىبە قىلدى. مېھمانلار ئۆزلىرىگە سوۋغا قىلىنغان بۇ قىممەتلىك كىتابلارنى ئىنتايىن مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشتى.
«دۇنيا ئىسلام ياشلىرى كۇلۇبى» ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسى
«دۇنيا ئىسلام ياشلىرى كۇلۇبى» 1972-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدە مەرھۇم پادىشاھ پەيسەلنىڭ پەرمانى بىلەن تەسىس قىلىنغان خەلقئارالىق ئىسلامى تەشكىلاتتۇر. بۇ تەشكىلات مۇسۇلمان ياشلارنى ئەقىدە، ئەخلاق تەرەپتىن تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش، شۇنداقلا مۇسۇلمان ياشلىرىنى پايدىلىق پائالىيەتلەرگە يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
«دۇنيا ئىسلام ياشلىرى كۇلۇبى» مۇستەقىل ئىسلامى تەشكىلات بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە شۆبىلىرى قۇرۇلغان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى كۆتۈرۈش، يېتىم بالىلارغا مەخسۇس ئايلىق توختىتىپ ماددىي ياردەم قىلىش، مۇسۇلمان ياشلىرىنى توپلاپ ئۇلارغا كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى تەربىيىلەش، دىنىي ئەسەرلەرنى باستۇرۇپ تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.