تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار رامزاننى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزمەكتە

موللۇققا، بەرىكەتكە تولغان بۇ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار جۈملىدىن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىنتايىن ئەركىن ھالدا ئۆز-ئارا ئىپتارلىشىپ رامزان ئېيىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزمەكتە.

0:00 / 0:00

تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە بۇ يەرگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ھەرخىل چوڭ-كىچىك تىپتىكى ئىپتار زىياپەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ رامزان ئېيىنى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا.

نۆۋەتتە قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىكى سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامزاننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامزاننى ئەركىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتقانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلارغا ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۈچۈن ھەر-ۋاقىت دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى، دېدى.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىغايسىلەر.