تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىنى ئىناقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە

پۈتۈن دۇنيادىكى 1 يېرىم مىليارد مۇسۇلمان، 12 ئاينىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامزان ئېيىنىڭ 11-كۈنىگە كىرگەن كۈنىمىزدە، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق ئىچىدە بۇ ئاينى ئۆتكۈزمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.08.11
uygurlar-iptarda-turkiye-305.jpg تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىنى ئىناقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيىدىكى قولىدا بار ئۇيغۇرلار تۈركلەرگە ئوخشاشلا ھەر كۈن دېگۈدەك ئوپچە ئىپتار تاماقلىرى بەرمەكتە ،يوقسۇللارغا ياردەم قىلماقتا.

تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى جەمىل چېچەك ئەپەندى تۈركىيىدىكى بايلارنى ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلاردا ئىپتار زىياپىتى بەرمەي، ئافرىقىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم ئەۋەتىشكە چاقىرغان ئىدى. بۇ تەكلىپكە بىنائەن تۈركىيىدىكى كىشىلەر ھەشەمەتلىك زىياپەتلەرنى بىكار قىلىپ زىياپەتلەردە خەجلىنىدىغان پۇللارنى ئافرىقىغا يوللىماقتا. تۈركىيىدىكى مىڭلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن نامراتلارغا ھەر خىل ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتماقتا.

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر بايلار ئوپچە ئىپتار زىياپەتلىرى ئۆتكۈزگەندىن سىرت، ئاتا-ئانىسىدىن ئۇزاق جايدا روزى ئېيى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىپتار ئۈچۈن رېستورانلارنىڭ تاماق بىلەتلىرىنى تارقىتىپ بېرىپ، خالىغان كۈندە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ئىپتار تامىقى يېيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا.

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ رامزان ئېيىدا نامراتلارغا ياردەم قىلسا قانداق ساۋابلارغا ئىگە بولىدۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.