«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى

13-يانۋار كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ 19-نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلدى ھەمدە يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.01.14
yawropa-sherqiy-turkistan-birliki-saylam-305.JPG ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ سايلام يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 13-يانۋار، ميۇنخېن.
RFA/Qutlan

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى سايلام يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ 19-نۆۋەتلىك سايلام يىغىنى ئىكەنلىكىنى، يىغىندا يېڭى نۆۋەتلىك رەئىس ۋە رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ سايلاپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن كۈنتەرتىپىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەركىبىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ سايلام يىغىنلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ سايلام يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 13-يانۋار، ميۇنخېن.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ سايلام يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 13-يانۋار، ميۇنخېن.
RFA/Qutlan

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلىك ھەيئىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى، نۇرمەمەت، ھەبىبۇللا قارىم، رەنا خانىم قاتارلىق 9 كىشىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ تارىخى ھەمدە ئۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئوينىغان رولى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى 1990-يىلى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم غەربتە قۇرۇلغان تەشكىلات. بۇ تەشكىلات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ھەمدە 1999-يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ساھىبخانىلىق قىلغان تەشكىلات. 2003-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا مانا مۇشۇ تەشكىلاتلار ئاساسىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي مەنپەئىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ ھازىرقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغان. شۇڭلاشقا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئاساسىي تۈۋرۈك دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى ئاخىرىدا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەت پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئالدى بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي، دىنىي ۋە مائارىپ جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆز-ئارا بىرلىك ئىتتىپاقلىقنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئارقىسىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ئۆز دەۋرىدە ھازىرقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن غول تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردىكى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قاتارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەركىبىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

دولقۇن ئەيسا يەنە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نىزامنامىسى ھەمدە ھەرىكەت پرىنسىپلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چىقارغان قارارلارنىڭ گېرمانىيىدە ئۇيغۇنلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئارتقۇزۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ گېرمانىيىدە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.