شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رەھىمجان سابىرھاجى ھەققىدە ئەسلىمە

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 1933 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى، 1944 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 66 - يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان كۈندە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە جۇمھۇرىيەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەر ئۆتىگەن كىشىلەرنىمۇ ئەسلىمەكتە ۋە خاتىرلىمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.11.09
rehimjan-sabiri-sherqi-turkistan-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺭﻩﻫﯩﻤﺠﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮﻫﺎﺟﻰ.
File Photo

1944 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە مەۋجۇت بولغان  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان رەھىمجان سابىر ھاجى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ   ئىچكى ئىشلار نازىرى ۋە سۇ ئىشلىرى نازىرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.  ئۇ ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ھەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى.

رەھىمجان سابىر ھاجى  1947 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزۈلگەن 11 ماددىلىق بېتىمنى تۈزۈشكە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە  ۋاكالىتەن باش سۆھبەتچى بولۇپ قاتناشقان.
rehimjan-sabirining-qizi-chichen-xanim-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺭﻩﻫﯩﻤﺠﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮﻫﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﯩﻴﻪ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻯ ﭼﯩﭽﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ.
RFA Photo / Erkin Tarim

رەھىمجان سابىر ھاجى 1949 - يىلى كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى  ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، 1951 - يىلى تۈرمىگە  تاشلانغان. 1955 - يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن رەھىمجان سابىرى، 1958 - يىلى  "ئوڭچى"، "ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى"  دەپ ئەيىبلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان.  1972 - يىلى، كۈرەش بىلەن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىدە قايتا قولغا ئېلىنغان. ئۇ  بېشىغا ئۇرۇلغان قاتتىق تاياق زەربىسى  بىلەن 1973 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ۋاپات بولغان.   

رەھىمجان سابىر ھاجىنىڭ  ھازىر تۈركىيىنىڭ كونىيە شەھىرىدە  ياشاۋاتقان قىزى چىچەن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭغا چەتئەلگە چىقىش پۇرسەتلىرى كەلگەن بولسىمۇ، بىراق   "ۋەتىنىم  ۋە خەلقىم ئۈچۈن ۋەتەندە قالىمەن" دەپ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلمىغان.
 
رەھىمجان سابىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قىزى چىچەن خانىم ۋە تارىخچى در. ئەركىن ئەكرەملەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
   
چىچەن خانىم  دادىسىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ئوقۇش ھاياتى ھەققىدە توختالدى.
   
چىچەن خانىم دادىسى رەھىمجان سابىر ھاجىنىڭ  1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتۈگەنلىكى،  ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلماي ۋەتىنىدە ئالەمدىم ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
   
ئەنقەرەدىكى  ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى  مەرھۇم رەھىمجان سابىر ھاجىنىڭ شەرقىي شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان روللارنى ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. 

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.