ئەنقەرەدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى يېقىنلىشىپ قالغان كۈندە، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئابدى ئىپەكچى باغچىسىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.07.03
turkiye-5-iyul-korgezme2-305.jpg ئەنقەرەدە ئېچىلغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە رەسىم كۆرگەزمە. 2011-يىلى 3-ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim

7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 10دا ئېچىلغان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئاچقان بولۇپ، كۆرگەزمىگە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاتمىش پارچە رەسىم قويۇلغان. ئەنقەرەنىڭ مەركىزى قىسمىغا جايلاشقان ئابدى ئىپەكچى باغچىسىدا ئېچىلغان بۇ كۆرگەزمىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈزلىگەن كىشى زىيارەت قىلدى.

turkiye-5-iyul-korgezme1-385.jpg
ئەنقەرەدە ئېچىلغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە رەسىم كۆرگەزمە. 2011-يىلى 3-ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim

كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى مەلۇمات بەردى ھەمدە بىر قىسىم زىيارەتچىلەر ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر كۆرگەزمە 3-ئىيۇلدىن 4-ئىيۇلغىچە داۋاملاشماقچى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.