قىرغىزىستاندا رەسسام تەلئەت مىررەخىموف دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تالانتلىق رەسسام تەلئەت مىررەخىموف يېقىندا، قىرغىزىستان بۇيىچە خىزمەت كۆرسەتكەن بىر تۈركۈم سەنئەتچىلەر ۋە رەسساملار قاتارىدا پرېزىدېنت روزا ئوتۇنبايىۋا تەرىپىدىن دۆلەت مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەندى ھەمدە ئۇنىڭغا دۆلەتلىك خىزمەت كۆرسەتكەن مەدەنىيەت ئەربابى ئۇنۋانى بېرىلدى.