بېشكەكتە رەسسام سابىت باباجانوفنىڭ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رەسساملارنىڭ گېپى چىقسا، كىشىلەرنىڭ ئېسىگە كېلىدىغان رەسساملارنىڭ بىرى قىرغىزىستاندا ياشايدىغان رەسسام سابىت باباجانوفتۇر.

0:00 / 0:00

سابىت باباجانوفنىڭ يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن رەسىم كۆرگەزمىسى، كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغان سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولدى. بۇ كۆرگەزمە قىرغىز يازغۇچى چىنگىز ئايتماتوفنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلانغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ كۆرگەزمە توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.