در.رېيچېل ھاررىس خانىمنىڭ ' ئون ئىككى مۇقامنى قېلىپلاشتۇرۇش` ناملىق ئەسىرى ئەنگلىيىدە نەشىردىن چىقتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.11.27
2008.11.27
RFA Photo / Erkin Tarim / Book author Rachel Harris
مانابۇ مۇقام سۆيەرلەردىن بىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئىنىستىتۇتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى در.رېيچېل ھاررىس خانىمدۇر.
در.رېيچېل ھاررىس خانىم يازغان `ئون ئىككى مۇقامنى قېلىپلاشتۇرۇش` ئىسىملىك كىتاب يېقىندا ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھرىدە نەشىر قىلىنغان. كىتابتا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ قېلىپلىشىش تارىخى ۋە قېلىپلىشىش جەريانى بايان قىلىنغان بولۇپ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇلار كىرىش سۆز، ئۇيغۇر مۇزىكىسى ھەققىدە مەلۇمات، ئون ئىككى مۇقامنى قېلىپلاشتۇرۇش تارىخى، مۇقام ئۇستىسى ئابدۇللاھ ماجنۇن، ئون ئىككى مۇقامنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇنازىرىلەر، ئون ئىككى مۇقامنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىزاھاتلار، قوشۇمچە مەلۇماتلار، بىبلىئوگرافىيىدىن ئىبارەت.
كىتابنىڭ ئاپتورى در. رېيچېل ھاررىس خانىم بۇ كىتابنى يېزىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم، ئۇيغۇر دىيارىغا، ئۆزبېكىستانغا، قازاقىستانلارغا بېرىپ داڭلىق ئۇيغۇر مۇقامچىلىرى ۋە ئەلنەغمىچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە ماتېرىيال توپلىغان. ئۇ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا بۇ كىتابتا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇش تارىخى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كىتابىدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇش تارىخىنىڭ 100 يىل بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى، يەنى 1918 - يىلى قازاقىستاندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسى بىلەن باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
در. رېيچېل ھاررىس خانىم بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي بۇرۇن ئامېرىكىلىق بىر مۇتەخەسسىسنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تېكىستى ھەققىدە بىر كىتاب يازغانلىقىنى، ئۆزى يازغان بۇ ئەسەردە بولسا ئون ئىككى مۇقامنىڭ مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ خىل كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەمما يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتقان كىتابنىڭ ئاپتورى در. رېيچېل خاررىس خانىم، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىز.