بېلىكىنى كېسىپ نارازىلىق ئىپادىلىگەن رەيھانگۈل مەترېھىمنىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەيلەردىكى كەچۈرمىشلىرى
2011.04.21
ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى شاڭخەيدە بېلىكىنى بىرىتىۋا بىلەن كېسىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن رەيھانگۈل مەترېھىم، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتى داۋامىدا، بېلىكىنى كېسىشنىڭ ئالدىدا، بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە بېشىدىن ئۆتكەنلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، يۇرتى ئۈرۈمچىدە ئۈزلۈكسىز نەزەربەند قىلىنىش، ئەرز سەپەرلىرىدە تۇتۇپ كېتىلىش ۋە ئەرزىگە قۇلاق سېلىنماسلىقلار ئۇنى بېلىكىنى كېسىش ئارقىلىق دىققەت تارتىش يولىغا مەجبۇرلىغان.
ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى رەيھانگۈل مەترېھىمگە 8 يىل بويىچە ئىش ھەققى كەم بېرىلگەن؛ ئۇ 3 يىلنىڭ ئالدىدا ئىشىدىن توختىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى بالىسى ئوقۇشسىز ۋە ئائىلىسى ئۆيسىز قالغان. ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتى ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، تېز روناق تاپقان كارخانىلاردىن بىرىدۇر. ئەمما بۇ روناق تېپىش خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تېخى يېقىندىلا چىققان خىتاي كۆچمەنلىرىگە زاۋۇتنىڭ ھەشەمەتلىك بىنالىرىدا ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش ئىمكانى بەرگەن بولسىمۇ، رەيھانگۈلگە ئوخشاش بۇ زاۋۇتنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە جان ساقلاش ئىمكانىمۇ بەرمىگەن.
يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، رەيھانگۈل مەترېھىمنىڭ ئەرز قىلىش شەكلى ئۆزگىچىلىككە ئىگە: ئۇ ئەرز داۋامىدا ھال ئېيتمىغان-دەرت تۆكمىگەن؛ ئەكسىچە ھەق-ھوقۇقلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يىغلىمىغان-قاخشىمىغان؛ ئەكسىچە تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنى پاش قىلغان. ئۇ ساقچىلار تۇتقىلى كەلگەندە يېلىنمىغان-يالۋۇرمىغان، ئەكسىچە چامىنىڭ يېتىشىچە كۈرەش قىلغان.