رەيھانگۈلنىڭ قولىنى كېسىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشى شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى
2011.04.27
پولات زاۋۇتىدا ئىش ھەققى مەسىلىسىدە مىللىي تەڭسىزلىككە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ سانى 1000 دىن ئارتۇق؛ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدا تارتقان زىيىنى بولسا 150 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۆزلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ۋە ھېس قىلالىغانلار ھەممىسى ئەمەس؛ ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغانلار ۋە ئۇنىڭدىن نەتىجە قازىنىشقا ئىشەنچ قىلالىغانلار بولسا ناھايىتى ئاز. بۇلاردىن رەيھانگۈل مەترېھىم، خالمۇرات ۋە گۆلجەننەت قاتارلىق 3 نەپەر ئىشچى 3 يىلدىن بېرى ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.
رەيھانگۈل ئىككى ھەپتە بۇرۇن پولات زاۋۇتىنىڭ شاڭخەيدىكى شىركەت بىناسى ئالدىدا بېلىكىنى كەسكەندىن كېيىن، شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ پوزىتسىيىسىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولغان. شىركەت رەيھانگۈل ۋە 2 نەپەر سەپدىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە بۇ 3 كىشىنىڭ تارتقان زىيىنى ھېسابىغا بەلگىلىك مىقداردا پۇل ياردەم قىلىشقا ۋەقەدە بەرگەن. ئەمما رەيھانگۈل ۋە سەپداشلىرى، مەسىلىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە ھەل بولۇشىغا رازى ئەمەس.
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، رەيھانگۈل قاتارلىق 3 نەپەر دەۋاگەرنىڭ مەسىلىسى ئاساسەن ھەل بولغان. ئەمما ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە بىئارام بولۇۋاتقىنى قالغان خىزمەتداشلىرىنىڭ يەنى 1000 دىن ئارتۇق ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان مەنپەئىتىدۇر. ئۇلار نۆۋەتتە ئەنە ئاشۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.
رەيھانگۈل ۋە سەپداشلىرى داۋا ئۈچۈن يولغا چىققاندا پۈتۈنلەي ئۆز خىراجىتى بىلەنلا يولغا چىققان؛ زاۋۇتتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان باشقا ئۇيغۇر ئىشچىلار، بۇلارغا ئەرز ۋە شىكايەتلىرىنى ھاۋالە قىلغانمۇ ئەمەس. پەقەت ئىنسانىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە مىللىي قېرىنداشلىق ئېڭىلا ئۇلارنىڭ بۇ تاپشۇرۇلمىغان ۋەزىپە ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان.