رۇس مۇتەخەسسىسى: مەركىزىي ئاسىيا رەھبەرلىرى ھازىرچە سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قادىر ئەمەس
2012.12.17

«ئازادلىق» رادىئوسى ئېلان قىلغان «خىتاي مەركىزىي ئاسىيا بىلەن ئومۇمىي تىل تاپتى» ناملىق ماقالىدە خىتاينىڭ قىرغىزىستاننى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارقىلىق تۈركمەنىستاندىن خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان گاز تۇرۇبىسىغا قوشۇلۇشقا ماقۇل كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئېيتىلغان. ماقالىدە «ئاسىيا تايمس» گېزىتىنىڭ بۇ ھەققىدىكى پىكرىمۇ بېرىلىپ، ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيا مەنبەلىرىنى بۆلۈشۈش ئۈستىدە ئويلىشىپ تۇرغىنىدا، خىتاينىڭ بۇ مەملىكەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن تىل تېپىشىپ، «قازاقىستان-خىتاي نېفىت يولى»نى ۋە «تۈركمەنىستان-ئۆزبېكىستان-قازاقىستان-خىتاي گاز تۇرۇبىسى» نى تېز ئارىدا سېلىپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ئۈلگۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئۆزبېكىستانغا ماڭىدىغان تۆمۈر يولنى ياساش، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش ۋە تراكتور زاۋۇتىغا مەبلەغ سېلىش ئۈستىدىمۇ كېلىشىمگە كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئەمدى لىتۋانىڭ «گېئوپولىتىكا مەركىزى» دە بېرىلگەن ئىگور ئىۋانوفنىڭ «مەركىزىي ئاسىيانىڭ لاي سۇلىرى» دېگەن ماقالىسىدە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن كەسكىن سۇ مەسىلىسىگە دۇچار بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئاپتور بۇ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ يىقىلىش بىلەن تەڭ مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدا سۇ مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ئەگەردە بۇ مەسىلە ھەل بولسا، بۇ مەملىكەتلەردە يېزا ئىگىلىكىنىڭ راۋاج تاپىدىغانلىقىنى ھەم سىياسىي ۋەزىيەتنىڭمۇ نورماللىشىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئۆسكەنسېرى سۇغا بولغان ئېھتىياجىنىڭمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالىدە ، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھە قىلىش، يەنى ئېتىزلىقلارغا يول ئېچىش، ئۇلارغا كېلىدىغان سۇ قاناللىرىنى قۇرۇشقا ئوخشاش مەسىلىلەر ھەققىدە چارە-تەدبىرلەرنى قوللانماي تۇرۇپ، دۆلەتلەر ئارا زىددىيەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان.
بۇ ماقالىدە ئى.ئىۋانوف «ئۆز ئۆيىدە تەرتىپ ئورنىتىشتىن كۆرە، قوشنىنى ئەيىبلەش ھەر قاچان ئوڭايدۇر» دەپ يېزىش بىلەن بىرگە بەزى مەملىكەتلەرنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ئىككىنچى بىر مەملىكەتكە بېسىم كۆرسىتىش مەقسىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىغان. ئۇ قازاقىستاننىڭ ئىلى ۋە قارا ئېرتىش دەريالىرىنى تەڭ پايدىلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بولسا، بۇ ئىنتىلىشنى، ئەكسىچە ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاپتور، مەزكۇر دەريالارنىڭ سۈيىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز زېمىنىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ ئۇلارنى پايدىلىنىشتا كۆپرەك مۇمكىنچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمدى قوشنا مەملىكەتنىڭ ئېھتىياجىنى ھېسابقا ئالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«خىتاينىڭ مۇنداق ھەرىكىتى بۇ زېمىندا ئىقتىسادىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىپ، رىقابەتچىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى تەستىقلايدۇ» دەپ يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە.
ئۇنىڭدا شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ ئىلى ۋە قارا ئېرتىش سۈيىگە بولغان مۇھتاجلىقىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پەقەت سىياسەتچىلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئالىملارنىڭمۇ ئارىلىشىش زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.
ئاپتور مۇنداق يازغان: «مۇبادا يەنە، خىتاي قوشنىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئىنكار قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان قوشنا ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانغا ئۆزلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى نامايىش قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆزبېكىستان ئۈچۈن سۇ پەقەت يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ نەملىكىنى تەمىنلەش ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن».
ماقالىدە تاجىكىستاننىڭ روگۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ لايىھىسى ھەققىدىمۇ سۆز بولۇپ، «بۇ يەردە ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ سۇ توسمىسىنى سېلىش كۆزدە تۇتۇلماقتا» دەپ كۆرسىتىلگەن . بۇ ئىستانسىسىنىڭ ئىشقا قوشۇلۇشى ئاقىۋىتىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مىقداردا سۇدىن مەرھۇم بولۇشى ئېھتىماللىقى بار.
ئى. ئىۋانوۋ مەركىزىي ئاسىيادىكى سۇ مەسىلىسى توغرىلىق تالاش-تارتىشلارنى خۇلاسىلەپ، ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ھەم مەملىكەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ھازىرچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قادىر ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.