رۇسىيە تاقىرباشلار گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسىم كاتتىۋاشلىرى جازالىنىش ئالدىدا

يېقىندا موسكۋا ساقچىلىرىنىڭ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تاقىرباشلار دەپ ئاتالغان رۇس مىللەتچى ياشلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ ئېنىقلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.06.30

 رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارمىغىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى موسكۋا تاقىرباشلىرىنىڭ بىر جىنايى شايكىسىنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ 20 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە 12 قېتىم ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ جىنايەت قىلمىشىنى بېكىتىشكە سۇنغان.

تاقىرباشلار ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 17 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان ياشلار

مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىلى ۋلادىمىر ماركىننىڭ ئېيتىشىچە، موسكۋادا سەككىز ئايدىن بېرى ھەرىكەت قىلىۋاتقان تاقىرباشلارنىڭ توققۇز كىشىلىك جىنايى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 17 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى 18 ياشلىق ئارتۇر رىنو ۋە پاۋىل سكاچېۋسكىيلاردۇر. بۇلار ئۆتكەن يىلى بىر 45 ياشلىق ئەرمەن كىشىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغان بولۇپ، سوراق قىلىش جەريانىدا ئارتۇر ئىسىملىك بۇ تاقىرباش ئۆزىنىڭ 37 ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتمە بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تاقىرباشلارنىڭ مەزكۇر جىنايى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئۆز ئىقرارىدا نېمە ئۈچۈن مۇنداق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىدىن تارتىپلا، موسكۋاغا كېلىپ رۇسلارنى سىقىپ چىقىرىۋاتقان "كاۋكازلىقلار ۋە ئاسىيالىقلارنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقى" بىلدۈرگەن ھەمدە موسكۋادىكى چېركىزوۋسكىي بازىرىدا رۇس مىللەتچىلىرىنىڭ بازاردا توققۇز ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان پارتلىتىش جىنايىتى ئېلىپ بارغاندا، ئۆزىنىڭمۇ بىرىنچى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتقان، تەكشۈرگۈچىلەر ئۇنىڭ بۇ دېلو بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشىنى پەرەز قىلىشقان.

كىم تاقىرباشلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى؟

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى رۇسىيىدىكى تاقىرباشلارنىڭ سانىنىڭ 60 مىڭدىن 70 مىڭغىچە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. تاقىرباشلار ئاساسلىقى موسكۋا، پېتىربۇرگ شەھەرلىرىدىن باشقا يەنە رۇسىيىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارقالغان . موسكۋا، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بازىسى.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، تاقىرباشلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، موسكۋادىكى قانۇن ھىمايىچىسى ئالېكساندىر برودنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ، رۇسىيىدە 152 قېتىم ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نەتىجىدە، 69 ئادەم ئۆلگەن، 170 ئادەم يارىلاندۇرۇلغان. ئۆلگەنلەرنىڭ 12سى ئۆزبېك، توققۇزى قىرغىز، ئالتىسى تاجىكتـۇر. مەزكۇر قانۇن ھىمايىچىسى يەنە، تاقىرباشلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش نىشانىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.

مىللەتچىلىك كۈچەيمەكتە

تاقىرباشلار ۋە رادىكال مىللەتچىلىك گۇرۇپپىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن يېڭىلىق. رۇسىيىدىكى مىللەتچىلىك، ئېرىقچىلىق كەيپىياتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە رادىكال فاشىست مىللەتچىلەر ئوچۇق ئاشكارا باشقا مىللەتلەرنى چەتكە قاقىدىغان ھەمدە ئۇلارنى رۇسىيىدىن قوغلاشقا چاقىرىدىغان تەشۋىقاتلارنى ھەمدە قىلمىشلارنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ مىللەتچى ياشلار تۈرلۈك پارتىيىلەرگە ئۇيۇشقان بولۇپ، "رۇسىيە پەقەتلا رۇسلار ئۈچۈن"، "رۇسىيىدە پەقەت رۇسلارلا ياشاش كېرەك،" دەيدىغان ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىشماقتا.

رادىكال مىللەتچىلەر ۋە تاقىرباشلارنىڭ يىراق شەرق رايونى ھەم موسكۋادا دائىم خىتايلار، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، كاۋكازلىقلار شۇنىڭدەك باشقا قارا چاچلىق مىللەت ۋەكىللىرىگە جىسمانىي ھۇجۇم قىلىش، ھاقارەتلەش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ مەسىلە بويىچە كۆپ قېتىم رۇسىيىنى تەنقىد قىلغان ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىمۇ بۇ مەسىلىنى رۇسىيە رەھبەرلىرىگە قويغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يېڭى پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيان تاقىرباشلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەر باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىم رۇسىيە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تاقىرباشلار باندىت گۇرۇپپىسى ئۈستىدىن جىنايەت تۇرغۇزۇشى بىر ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.