رۇسىيە يېڭى پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ دەۋرىگە كىردى

7 - ماي سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تارىخىدىكى مۇھىم كۈن. بۈگۈن موسكۋادا يېڭى پرېزىدېنت دمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پۇتىننىڭ 8 يىللىق پرېزىدېنتلىق دەۋرىگە خاتىمە بېرىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.05.07
putin-medwedev-305 7 - ﻣﺎﻱ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺩﻣﯩﺘﺮﯨﻲ ﻣﯧﺪﯞﯦﺪﯦﯟﻧﯩﯔ ﻗﻪﺳﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﭖ، ﭘﯘﺗﯩﻨﻨﯩﯔ 8 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.
AFP Photo
 پۇتىن كرېمىل سارىيىدىكى ئىشخانىسىنى 42 ياشلىق دمىترىي مېدۋېدېۋقا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئەمما، مەزكۇر يېڭى پرېزىدېنت شۇ كۈنىلا پۇتىننى باش مىنىستىرلىققا كۆرسەتكەن.

قەسەمياد مۇراسىمى

سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى 17 يىللىق رۇسىيە سىياسىي تارىخى بۈگۈن يېڭى سەھىپە بىلەن يېزىلدى. 70 يىللىق سوۋېت ئىمپېرىيىسىنى غولىتىپ، رۇسىيە تارىخىدىكى تۇنجى پرېزىدېنت بولغان بورىس يېلتسىندىن كېيىن تەختكە چىقىپ، 8 يىل بۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلغان 55 ياشلىق ۋلادىمىر پۇتىن چارشەنبە كۈنى پرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى دمىترىي مېدۋېدېۋقا تاپشۇردى.

بۇ يىل 3 - ئايدا پرېزىدېنتلىققا سايلانغان دمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى 7 - ماي كۈنى كرېمىل سارىيىدىكى ئاندرېيېۋسكىي زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بايراقلىرى ئېسىلغان، رۇسىيىنىڭ ئەنئەنىۋى ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قوغداۋاتقان كارىدوردىن ئۆتكەن دمىترىي مېدۋېدېۋ ئاندرېيېۋسكىي زالىغا كىرىپ كەلگەندە ئىككى تەرەپكە توپلانغان مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنىڭ گۈلدۈراس ئالقىشلىرى ھەم مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە تېز قەدەم تاشلاپ، مۇنبەرگە چىقتى ھەمدە پۇتىننىڭ قىسقا سۆزىدىن كېيىن، بىر قولىدا رۇسىيە ئاساسىي قانۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ، " قەسەم بېرىمەنكى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇش جەريانىدا پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى، ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىمەن ھەم قوغدايمەن، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى قوغدايمەن، رۇسىيىنىڭ مۇستەقىللىقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، خەلق ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىمەن" دەپ قەسەمياد قىلدى.

پرېزىدېنت دمىترىي مېدۋېدېۋ نۇقتىدا يەنە، ئۇ ئۆزىنىڭ 8 يىللىق مۆھلەت ئىچىدە توپلانغان كۈچلۈك ئاساسقا تايىنىپ تۇرۇپ، رۇسىيىنى دۇنيادىكى قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، " رۇسىيىنى دۇنيادىكى قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ ئىستراتېگىيىمىز ۋە بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي يۆنىلىشىمىز" دەيدۇ. ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە زەربە بېرىدىغانلىقى ھەمدە خەلقنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا سابىق پرېزىدېنت پۇتىنمۇ قىسقا نۇتۇق سۆزلەپ، مېدۋېدېۋنىڭ ئۇنىڭ 8 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ 8 يىل ئىچىدىكى سىياسەتلەرنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ھەمدە بۇ قېتىمقى ھوقۇق تاپشۇرۇشنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مېدۋېدېۋقا ئۇتۇق تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"8 يىل ئىلگىرى مەن بىرىنچى قېتىم پرېزىدېنتلىققا قەسەم بەرگەندىن بۇيان ئوچۇق ئاشكارا، سەمىمىي ھەم ساداقەتمەنلىك بىلەن خەلق ھەم دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى زىممەمگە ئالغان ئىدىم. مەن ئۆزەمنىڭ بۇ ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلمىدىم" دەيدۇ پۇتىن سۆزىدە. قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا 2000دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشقان.

مېدۋېدېۋ رۇسىيە تارىخىدىكى ياش پرېزىدېنت

مېدۋېدېۋ رۇسىيىنىڭ بورىس يېلتسىن، ۋلادىمىر پۇتىندىن كېيىنكى 3 - پرېزىدېنتى شۇنىڭدەك 1917 - يىلىدىن كېيىنكى پۈتۈن رۇسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ياش پرېزىدېنت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل سانكتپېتېربۇرگ ھۆكۈمىتىدە ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەملىكەت بويىچە چوڭ سودا - سانائەت شىركەتلىرىنى باشقۇرغان ھەمدە پۇتىن تەرىپىدىن مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

مېدۋېدېۋ ئۆتكەن يىلى پۇتىن تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ئىزباسارى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يىل 3 - ئايدىكى سايلامدا غەلىبە قازىنىپ، %70 ئاۋاز بىلەن پرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئىدى.

خىتاي مېدۋېدېۋنى قارشى ئالدى

دمىترىي مېدۋېدېۋنى تۇنجى بولۇپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ تەبرىكلىگەن بولۇپ، شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ تەبرىكنامىسىدە مېدۋېدېۋنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە يەنە جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ چوڭ قوشنا دۆلەتلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆزارا ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مېدۋېدېۋ شۇ كۈنى پۇتىننىڭ باش مىنىستىر نامزاتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

رۇسىيە پرېزىدېنت ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى پرېزىدېنت دىمىترىي مېدۋېدېۋ شۇ كۈنىلا ۋلادىمىر پۇتىننى بىرىنچى نۆۋەتلىك باش مىنىستىر نامزاتى قىلىپ كۆرسەتكەن. ئەگەر مېدۋېدېۋ پرېزىدېنت بولسا، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ باش مىنىستىرى بولىدىغانلىقى ئىلگىرىلا بېكىتىلىپ بولۇنغان بولۇپ، بۇنى ھەتتا مېدۋېدېۋ ئۆزىمۇ بىۋاسىتە بىلدۈرگەن ئىدى.

دېمەك، رۇسىيە ئاساسىي قانۇنى بويىچە 3 - قېتىم پرېزىدېنت بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىغانلىقىغا قارىماي، پۇتىن ئەمدى باش مىنىستىرلىق سالاھىيىتى بىلەن پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ بىلەن بىرلىكتە رۇسىيىنى ئىدارە قىلىشى مۇمكىن. كۆزەتكۈچىلەر ھەتتا، رۇسىيىنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتى يەنىلا مېدۋېدېۋقا قارىغاندا، پۇتىن بىلەن بەكرەك باغلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

مېدۋېدېۋمۇ پۇتىننىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلىگەن ئىدى. قارىغاندا، مېدۋېدېۋ دەۋرىدە رۇسىيىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرى پۇتىن دەۋرىگە ئوخشاش ھالدا داۋاملىشىدۇ، جۈملىدىن رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.