سابىق خىتاي ئالاھىدە ساقچىسى نىجات ئابدۇرېھىم بىلەن سۆھبەت

ئىككى ئايدىن بېرى بىر قىسىم خەلقئارا ئاخباراتلاردا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ سابىق ساقچىسى نىجات ئابدۇرېھىمنىڭ ياۋروپادا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ يېقىندا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم چېگرادىن چىقىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.09.27
Nijat-Abdurehim-xitay-saqchisi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﻧﯩﺠﺎﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
http://news.boxun.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بولۇپمۇ ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىش ۋەقەسىگە شاھىت بولغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا.

سابىق ساقچى نىجات ئابدۇرېھىم، 1998 ‏- يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇ بىر قېتىملىق سۆھبەت داۋامىدا، ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەخپىيەتلىك دەپ قارىلىدىغان بىر ۋەقە ھەققىدە سۆزلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىي بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن ۋە ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

نىجات ئابدۇرېھىمنىڭ مۇھاجىرەت سەپىرى جاپالىق باشلانغان. ئۇ ھازىرغا قەدەر نورۋېگىيە، ئىتالىيە ۋە شىۋېتسارىيىنىڭ سىياسىي پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا كۈن ئۆتكۈزگەن. ئىككى قېتىم چېگرادىن چىقىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە چېگرادىن چىقىرىلىش خەۋپىدىن ساقلىنىپ قالغان.

نىجات ئابدۇرېھىم خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا ئاشكارىلىغان مەلۇماتلار ئىچىدە، ئەڭ دىققەتنى تارتقىنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىش قىلمىشى ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى قىيىن - قىستاقلار بولۇپ، نىجات ئابدۇرېھىم، ئادۋوكاتىنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئۈستىدە ھازىرچە تەپسىلىي توختالمايدىغانلىقىنى، ئەمما پات يېقىندا، بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىنى ئاخبارات ساھەسىگە تەپسىلىي ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.