سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان "ئەل مەدىنە" گېزىتىنىڭ 2009 - يىلى 20 - ئاپرىل سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىغا كۆرە، بۇ يىل مارتنىڭ 15 - كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى تىجارەت مەركىزىدە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەسئۇللار بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەسئۇلىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چوڭ يىغىن چاقىرىلغان بولۇپ، جىددە شەھەرلىك سودا ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاسىف كابىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بەزى چوڭ شېرىكەتلەرنىڭ خىتايدىن كەلگەن ماللاردا ساختا ماركا قوللىنىش ئىشىغا خاتىمە بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاي ۋەكىلى بولسا، ساختا ماركا قوللىنىش ئىشلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن چارە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېزىتتە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىن كەلگەن ماللار سۈپەت جەھەتتە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېلىدىغان ماللادىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، ماللارنىڭ سۈپەتسىز بولغىنىنىڭ سىرتىدا، بۇ ماللار گاھ ماركىسى ئېنىق ئەمەس، گاھ ساختا ماركىلار بىلەن كېلىپ شېرىكەت ۋە شەخسلەرنى زىيانغا ئۇچراتماقتا ئىكەن، ھەتتا تاموژنا ئىدارىسىدىكى مۇشكىلاتلارغا سەۋەب بولىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى چوڭ شېرىكەتلەر ۋە بەزى سودا كومىتېتلىرى خىتاي ماللىرىدىن شىكايەت قىلغان.
يەنە "سەئۇدى ئەرەبىستانى تېلېىۋىزىيە قانىلى" 2009 - يىلى 20 - ئاپرىل كۈنىدىكى خەۋىرىدە "ياۋروپادىكى خەتەرلىك ماددىلارنىڭ مەنبىئى ختاي" دېگەن خەۋەرنى ئانلاتقان بولۇپ، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرى بروسسېلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان ماللاردىكى خەتەرلىك ماددىلارنىڭ يۈزدە 60 پىرسەنتىنىڭ مەنبىئى خىتاي ئىكەنلىكىنى ئېنىق بايان قىلغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:"ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ياۋروپا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان ماللاردىكى خەتەرلىك ماددىلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە كۆرە، ياۋروپا بازارلىرىدىكى ماللاردا بايقالغان خەتەرلىك ماددىلارنىڭ يۈزدە 60 پىرسەنتىنىڭ مەنبىئى خىتاي بولۇپ، ياۋروپا بازارلىرىدا مۇسادىرە قىلىنغانلىرى ئاران 20 پرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خەتەرلىك دەپ يىغىۋېلىنغان ھەر خىل ماللانىڭ تۈرى 1866 گە يەتكەن.
باياناتتا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئىشلىرى مەسئۇللىرى ياۋروپالىق شېركەتلەرنى ھازىرقى ئىقتىساد كىرىزىسىنى باھانە قىلىپ، سۈپەتسىز ۋە ئۆلچەمسىز ماللارنى كەلتۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىقتىسادشۇناسلاردىن ھاشىم جەبارى تېلېۋىزىيە مۇخبىرىنىڭ زىيانلىق ماددىلار بولغان ماللارتوغرۇلۇق سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى:" بىز خەتەرلىك ماددىلار بار ماللارنى بازارلاردىن توسۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، كىرىزىس ئۈستىگە كىرىزىس بولۇپ، بىز ئويلاپ باقمىغان زىيانلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن."