سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇھاجىر تەۋەككۇل ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى

80 - يىللاردىن كېيىن ئانا ۋەتەندىن چەتئەللەرگە ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ چەتئەلگە چىققانلاردىن بىرى بولغان تەۋەككۇل ھاجىم ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىجتىمائىي تالانتى ۋە چىقىشقاقلىقى بىلەن ئاز ۋاقىت ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەممىگە تونۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەر زامان يادلىنىپ تۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.05.20

چۈنكى تەۋەككۇل ھاجىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا يۈرەكتىن خىزمەت قىلىشتەك خىسلەتلىرى ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى تەۋەككۇل ھاجىم ھەققىدە سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئەھمەد مۆمىن بىلەن سۆھبەت

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى تەۋەككۇل ھاجىمنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: " تەۋەككۇل ھاجىم چەتئەلگە يول ئېچىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىققانلاردىن بىرى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇرلىرىدىن ۋە تېپىلمايدىغان بىرى ئىدى. تەۋەككۇل ھاجىمنىڭ ھاياتىنى بىر ئىككى سۆز بىلەنلا چۈشەندۈرۈش قىيىن. مېنىڭ "ھەرەمدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار " دېگەن ماقالەمنىڭ 16 - قىسمىنى ئوقۇغاندا تەۋەككۇل ھاجىمنى تەپسىلاتى بىلەن تولۇق بىلگىلى بولىدۇ . مەن ئۇنىڭدا تەۋەككۇل ھاجىمنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان ئىدىم."

تەۋەككۇل ھاجىمنىڭ ئىش - ئىزلىرى

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تەۋەككۇل ھاجىم 1944 - يىلى قەشقەر شەھەر ئىچىدە بىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىكەن. 1981 - يىلى تەۋەككۇل ھاجىمنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجىم قەشقەردىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە يەرلەشتۈرگەن ئىكەن. تەۋەككۇل ھاجىم 1985 - يىلى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ جىددە شەھىرىنىڭ "بابى مەككە" دىكى دۇكىنىدا دادىسى بىلەن بىرگە ئىشلىگەن. تەۋەككۇل ھاجىمنىڭ ئىستانبۇلدىكى4 يىللىق ھاياتى ئاساسەن تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئېلىش ئىشلىرى بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ئارىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قۇرۇش سەۋىيىسىنىڭ يوقىرىلىقىدىن تۈركىيىدە بۇ كىشى تونۇمايدىغان ئۇيغۇر يوق دىيەرلىك ئىدى. تەۋەككۇل ھاجىم 16 يىللىق سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇش ھاياتىدا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئوتتۇرىسىدا خېلى يۈكسەك دەرىجىدە يۈز - ئابروي تاپقان كىشى ئىدى. بۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىشىغا يۈرەكتىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئارا قارام - قاتناش ئىشلىرىدا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىدە ئاكتىپ ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە ماھىر ئىكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا 60 - 70 يىل بۇرۇن كېلىپ يەرلىشىپ قالغان بەزى ئۇيغۇرلارمۇ تونىمىغان ئۇيغۇرلارنى تەۋەككۇل ھاجىمدىن سورايدىكەنمىش.

تەۋەككۇل ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

تەۋەككۇل ھاجىم دادىسىدىن قالغان ئاياق سېتىش دۇكىنىدا ئىشلەپ يۈرۈپ 2003 - يىلى 9 - مارت كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە 59 يېشىدا مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.