ئالماتادا ئاتاقلىق مەرىپەتچى ساۋۇت كىبىروف خاتىرىلەندى
2012.09.28
س. كىبىروف پەرزەنتلىرى ھەم گىمنازىيە كوللېكتىپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر مۇراسىمغا ئاۋېزوف ناھىيىلىك ھاكىمچىلىقى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ئۇستازلار، ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققۇچىلار س.كىبىروفنىڭ مىللىي مائارىپتىكى رولىنى ھەم ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. مۇراسىمدا شۇنداقلا گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.
س. كىبىروف 1912 - يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ھازىرقى تالغىر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1935 - يىلى ئالماتادىكى پېداگوگىكا تېخنىكومىنى تاماملىغان ھەم شەھەرلىك 17 - مەكتەپتە ئۆزىنىڭ ئۇستازلىق پائالىيىتىنى باشلىغان. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق شەخسلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ھەمدە ئۇلارنىڭ تەكلىپى بىلەن ھازىرقى تالغىر ناھىيىسىنىڭ قىزىل غەيرەت يېزىسى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ بەلگىلەنگەن. ئۇ سوۋېت ئېلىدە باشلانغان سىياسىي تەقىبلەشلەر قۇربانىغا ئايلىنىپ، 1937 - يىلدىن تا 1947 - يىلغىچە تۈرمە ئازابلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئاندىن ئەركىنلىككە چىقىپ، ھازىرقى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىشلىگەن، ئەمما ئادالەتسىز ئەيىبلەشلەر يەنىلا داۋام قىلىپ، تا 1958 - يىلغىچە سىرت رايونلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. 1958 - يىلى ئۇ تولۇق ئاقلىنىپ، ھازىرقى تالغىر ناھىيىسىنىڭ تۇزدىباستاۋ يېزىسىنىڭ مەكتىپىدە، ئاندىن ئۇزاق ۋاقىت مابەينىدە ئالماتا شەھىرى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇستازلىق قىلغان ھەم ئۇيغۇر مىللىي مەكتىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان.
س.كىبىروفنىڭ 40 يىللىق پېداگوگىكىلىق پائالىيىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يۇقىرى باھالىنىپ، ئۇ بىر نەچچە مېداللار ۋە پەخرى يارلىقلار بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىدى. بۈگۈنكى تاڭدا كىبىروفلار ئەۋلادى مىللىي مائارىپنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەسسىسىنى قوشماقتا ھەمدە ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى گىمنازىيىنىڭ كۆپلىگەن پائالىيەتلىرىگە ھامىيلىق قىلماقتا.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ئۇستاز خاسىيەت يۈسۈپوۋا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.