رۇسىيە ئاگىنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا دورىلار كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تارقالغان بولۇپ، يېقىندا خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى 79 دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك يالغان دورىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ساقچىلار خىتايدا ئىشلەنگەن، ئومۇمى سوممىسى بىر قانچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان 2مىليون 500 مىڭ قۇتا ھەر تۈرلۈك ساختا دورىلارنى قولغا چۈشۈرگەن. سىنتەبىرنىڭ 20 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان ساختا دورىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردە 55 نەپەر خىتاينى قولغا ئالغان. توردا ساختا دورا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 13000 دىن كوپرەك تور بەتلىرىنى تاقىغان.
رۇيتېرس ئاگىنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى ساختا دورىلارنى ئىستىمال قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشىدىكەن. خەۋەردە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان گاس - گاچا ئۆسمۈرلەرنىڭ كەم دېگەندىمۇ 60 - 80 % ى ساختا دورىلارنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن شۇنداق كىسەللەرگە گىرىپتار بولغانلاركەن.
«خىۋاشيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە يالغان، ساختا دورىلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يامراپ ئاپەتكە ئايلىنىشىدا ھەمدە شۇنچە كۆپ دورىخانىلار ۋە سەھيە ئورۇنلىرىنىڭ ساختا دورىلار بازىرىغا ئايلىنىپ قېلىشىدا، خىتاي مەملىكەتلىك دورىلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئەۋج ئالغان پارىخورلۇقنىڭ بۇنداق قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان يىمەك - ئىچمەك ۋە ساقلىقنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ئىجتىمائى جىنايەتلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىشى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ھۆكۈمەت دائىرلىرىگە ئىشەنمەسلىك خاھىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.