ئۇلۇغ ئالىم سەدىدۇددىن قەشقىرى

ئاتاقلىق فىقھىشۇناس، تىلشۇناس ۋە تەپسىرشۇناس ئالىم سەدىدۇددىن قەشقىرى 11-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئانا يۇرتىدا دىنىي تەلىمىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەككە بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىككى ھەرەم شەھەرلىرىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر جەمئىي 14 يىل بۇ ئىككى شەھەردە ئىستىقامەت قىلىپ ئۆتكەن، بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىممەتلىك دىنىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2010.12.28

ئالىمنىڭ ئەمگەكلىرى

مىسىرلىق ئالىملارنىڭ يازمىلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلۇغ ئالىم سەدىدۇددىن قەشقىرى ئىسلام فىقھى، تىل ۋە تەپسىر ئىلىملىرىدە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. مەسىلەن، ئۇنىڭ " ناماز ئەھكاملىرى" ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ئەڭ قەدىمىي ئەسەر ھېسابلانسا كېرەك. ئۇنىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ زور شۆھرەت تاپقان ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بىر گۇرۇپپا ئالىملار تەرىپىدىن شەرھلىنىپ ئىستانبۇل، قاھىرە ۋە باشقا ئىسلام مەركەزلىرىدە بىر قانچە قېتىم نەشر قىلىنغان. تېخى يېقىنقى يىللاردىمۇ شام دىيارىدا بىرنەچچە قېتىم بېسىپ نەشر قىلىنغان.

بۇ ئەسەر ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، تېخى نەشر قىلىنمىغان. ئۇنىڭ تىلشۇناسلىقتا" ئاز ئۇچرايدىغان سۆزلۈكلەر مەجمۇئەسى" ناملىق ئەسىرى، تارىخ ئىلمىدە"ساھابىلارنىڭ تەرجىمىھالى"، ئىجتىمائىي ئىلىمدە"بەخت تاجى" قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بولۇپ بۇ ئەسەرلىرى قوليازما ھالىتىدە ئىستانبۇل ۋە باشقا ئىسلام شەھەرلىرىدىكى مۇزېيلاردا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ئالىمنىڭ شۆھرىتى

ئەرەبچە مەنبەلەردە بۇ ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى تولۇق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ فىقھىشۇناس، تىلشۇناس، تەپسىرشۇناس ئالىم دەپ ئاتىلىپ، ئانا يۇرتى بولغان قەشقەر بىلەن بىرگە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، " بۇ ئالىمنىڭ نامى ئەللامە سەدىدۇددىن كاشغەرىيدۇر، كاشغەرىي دېگەن ئاتالغۇدىن تۈرك دىيارلىرىنىڭ ئەڭ ياقىلىرىدىكى كاشغەر دېگەن قەدىمىي يۇرت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئالىم فىقھى، تىلشۇناسلىق، تەپسىر ۋە ئىجتىمائىي ئىلىملەردە ئۆز يۇرتىدا كامالەتكە يېتىپ بولۇپ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كەلگەن ئىدى." ئەمما ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە بۇ ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن ئىلمىي خىزمەتلىرى توغرىسىدا تۈزۈك مەلۇمات يوق، ئاساسەن بارلىق ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ئاتاقلىق لۇغەتشۇناس فىقھىشۇناس ئۇيغۇر ئالىم سەدىدۇددىن مۇھەممەد ئېلى كاشغەرى بىلەن ئۇندىن بىر دەۋر كېيىن ئۆتكەن ئاتاقلىق سوپىزم پېشۋاسى، موللا ئابدۇراخمان جامىينىڭ ئۇستازى سەدىدۇددىن كاشغەرى ئوتتۇرىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇنىڭ كىتابىنى بۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىۋەتكەن.

ئالىمنىڭ ۋاپاتى

ئۇلۇغ ئالىم سەدىدۇددىن مۇھەممەد قەشقىرى مىلادىيە 1305-يىلى ئىككى ھەرەم زېمىنىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.