"سەھرا قىزى" ناملىق شېئىر كىتابى تۈركىيىدە نەشىردىن چىقتى

ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۇلزارىدا يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ئايگۈل ئابلەت خانىمنىڭ `سەھرا قىزى` ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2008 - يىلى مارت ئېيىدا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-05-15
Share
sehra-qizi.-305 ﺋﺎﻳﮕﯜﻝ ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ `ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻗﯩﺰﻯ` ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ 2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﺭﺕ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

  كىتابقا شائىرە ئايگۈل ئابلەت خانىمنىڭ 36 شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇھىملىرى بىزگە ۋەتەن بەك كېرەك، ئۈمىد بىلەن ياشايمىز، ئۇزاق ئەمەس، يىغلىما قىز، سەھرا قىزى، جان ئانا، قۇتۇلايلى، ئىللەت ۋە خىسلەت قاتارلىق شېئىرلىرىدىن ئىبارەت. كىتاب شائىرە ئايگۈل ئابلەت خانىمنىڭ ئائىلە رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ جەمئىي 118 بەتتىن تەركىپ تاپقان.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاپتور بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ سۆھبىتىمىزدە كىتابىدىكى شېئىرلىرىنى چەتئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئاتاپ ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان تىلدا يازغانلىقىنى، شېئىرلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەن ھەسرىتى، ئەركىنلىك دېموكراتىيە قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئايگۈل ئابلەت خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن مەزكۇر سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت