كىتابقا شائىرە ئايگۈل ئابلەت خانىمنىڭ 36 شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇھىملىرى بىزگە ۋەتەن بەك كېرەك، ئۈمىد بىلەن ياشايمىز، ئۇزاق ئەمەس، يىغلىما قىز، سەھرا قىزى، جان ئانا، قۇتۇلايلى، ئىللەت ۋە خىسلەت قاتارلىق شېئىرلىرىدىن ئىبارەت. كىتاب شائىرە ئايگۈل ئابلەت خانىمنىڭ ئائىلە رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ جەمئىي 118 بەتتىن تەركىپ تاپقان.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاپتور بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ سۆھبىتىمىزدە كىتابىدىكى شېئىرلىرىنى چەتئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئاتاپ ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان تىلدا يازغانلىقىنى، شېئىرلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەن ھەسرىتى، ئەركىنلىك دېموكراتىيە قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئايگۈل ئابلەت خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن مەزكۇر سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.