خىتايدا سەلبىي خەۋەر بەرگەن مەتبۇئاتلار جازالاندى

خىتايدا پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان خىتايدا ئەمەلدارلار ھەم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەققىدە سەلبىي خەۋەر بەرگەن مەتبۇئاتلارنىڭ تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچرىشى، ھەتتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى جازاغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا چىقىدىغان «سەددىچىن ئايلىق ژۇرنىلى» خېنەن ئۆلكىسىدە تىجارەت قىلىۋاتقان تەيۋەنلىك بىر سودىگەر خېنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان ۋەقەنى ئاشكارىلىۋەتكىنى ئۈچۈن، ژۇرنال مەسئۇلى ئۆلكە ئاتلاپ كەلگەن خېنەن ساقچىلىرىنىڭ پوپوزا قىلىشىغا ئۇچرىغان. گۇاڭجۇدا چىقىدىغان «جەنۇب شاماللىرى كۆزنىكى» خەۋەر ژۇرنىلىنىڭ باشلىقى ھۆكۈمەتكە زىيانلىق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ، سىياسىي مەيدانى ئېنىق ئەمەس دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

«سەددىچىن ئايلىق ژۇرنىلى» باش تەھرىرى جۇ شۈنجۇڭ 18-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ شەخسى تور بېكىتىدە جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىپ مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان. جۇ شۈنجۇڭ مۇراجىئەتنامىسىدە ساقچىلارنىڭ چارشەنبە كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىگە كېلىپ ئۆزىنى ئىزدىگەنلىكى، ئۇنى تاپالمىغاندىن كېيىن تەھرىر بۆلۈمدىكىلەرگە سۆز قالدۇرۇپ، ئەگەر باش تەھرىر ساقچىخانىغا كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلمىسا ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىنى پېچەتلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ، شۇڭا ئۆزىنىڭ ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىگە ۋاكالىتەن جەمئىيەتتىن ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىنى قوللاشقا ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«سەددىچىن ئايلىق ژۇرنىلى» 2006-يىلى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ ماقالە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

«سەددىچىن ئايلىق ژۇرنىلى» باش تەھرىرى جۇ شۈنجۇڭ بۈگۈن ئەتىگەن رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ژۇرنال نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، دېموكراتىيە ۋە قانۇنى ھوقۇقنى چىقىش قىلىدىغان ماقالىلەرنى كۆپرەك ئېلان قىلغىنى ئۈچۈن بۇ يىللاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا ساقچىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

جۇ شۈنجۇڭ بۇ قېتىم تەھرىر بۆلۈمىگە كەلگەن ساقچىلارنىڭ خېنەندىن ئۆلكە ئاتلاپ بېيجىڭغا كېلىپ، بېيجىڭ ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەھرىر بۆلۈمىنى پاراكەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتنى سۆزلەش يولىدىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
‏-ژۇرنىلىمىز مەلۇماتىدىكى شەخس تەيۋەنلىك سودىگەر بولۇپ، بىز ئۇنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە ئۇچرىغان ھەقسىزلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ تەيۋەنلىك سودىگەرنىڭ تالان-تاراج قىلىنىش ۋەقەسى خېنەن ئۆلكىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارلارغا چېتىلغان ئىكەن. شۇڭا ئۇلار خېنەن ئۆلكىسىدىن مەخسۇس ساقچى ئەۋەتىپ، بېيجىڭدىكى ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ژۇرنىلىمىزغا بېسىم ئىشلىتىپ پوپوزا قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار تەھرىر بۆلۈمىمىزگە ئەتە يەنە كېلىدىكەن، شۇ چاغدا ئەھۋال ئايدىڭلىشىدۇ. ئەمما تەھرىر بۆلۈمىمىز بۇنداق بېسىم ھەم پوپوزىلار سەۋەبىدىن ئۆز مەيدانىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز. بىز ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.

خىتايدىكى سىنا تور بېكىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە گۇاڭجۇدا چىقىدىغان «جەنۇب شاماللىرى كۆزنىكى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى چېن جۇڭ، مىنگو دەۋرىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان «تار مىللەتچىلىك ھەم تاشقى سىياسەت» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئېلان قىلغىنى ئۈچۈن، «سىياسىي مەيدانى ئېنىق ئەمەس، ژۇرنالدا خاتا يۆنىلىشتىكى ماقالىلەرنى بېسىپ تارقاتقان» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

خىتايدا مەتبۇئات ھەم ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان بېسىم ئۈزلۈكسىز ئېغىر بولۇپ كەلمەكتە. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە يازغۇچى، ژۇرنالىستلارنىڭ باستۇرۇش ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولماقتا. ياش يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن «ياۋا كەپتەر» ناملىق نەسرىنى يازغىنى ئۈچۈنلا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئەينى چاغدا نەسرنى ئېلان قىلغان «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولسا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. 2008-يىلدىكى ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلى ھەم 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا بۇ خىل باستۇرۇش ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، مەخبۇبە ئابلەش، غەيرەت نىياز، مۇھەممەت ئابدۇللا، دىلشاد پەرھات، گۈلمىرە قاتارلىق مۇخبىر، يازغۇچىلار ھەم يۈزلىگەن تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر،ماقالىلىرى سەۋەبلىك«دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.