سەرسانلىق ھايات ۋە ئۇيغۇرلار
2012.05.31
ئىنسانلار مەجبۇر بولمىسا، ئېھتىياج ھېس قىلمىسا ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى يۇرتى ئىشغال ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلى بولسىمۇ، بىراق، ئۇرۇش، ئىشغالىيەت، بېسىم، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلەر سەۋەبىدىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشىماقتا.
چەتئەللەردە سەرسانلىق ئىچىدە ياشايدىغانلار ئۈچۈن ئىپادىلىنىدىغان «دىئاسپورا» دېگەن بىر ئاتالغۇ بار، بۇ ئاتالغۇ توغرىسىدا ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور تاش مۇھەممەد ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەسلى مەنىسى گرېك تىلىدا، «ئۇرۇق چېچىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما دىئاسپورا دېگەن سۆز ھازىر ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئۆزگىلەر يۇرتىدا ياشاۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ سەرسان ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئاتالغۇ يەھۇدىيلارنىڭ سەرسانلىق ھاياتىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بۇ ئاتالغۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان باشقا خەلقلەر ئۈچۈنمۇ قوللىنىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ سەرسانلىق ھاياتى قانداق؟ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋپى بارمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ سەرسانلىق ھاياتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتور تاش مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىغا دىققەت بېرەيلى.