سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان كېچىلىك پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.08.06
seudi-jidde-ramzan-305.jpg رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان كېچىلىك پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. 2012-يىلى 2-ئاۋغۇست، سەئۇدى.
RFA/Omerjan

سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بايلاردىن مەرھۇم ئابدۇغۇفۇر ئەمىننىڭ ئوغلى ئەمىن ئابدۇغۇفۇر ھاجىم ھەر يىلى رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن رامزان كېچىلىرىنىڭ بىرىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلارنى ئۆز ئۆيىگە چاقىرىپ زىياپەت بېرىش ۋە شۇ پۇرسەت بىلەن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بىر قانچە ئون يىلدىن بىرى بۇ پائالىيەت مۇشۇنداق داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

2012-يىلى 2-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كېچىلىك پائالىيىتىدە، ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى تونۇلغان ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم نۇتۇق سۆزلىدى.

ئابدۇلھەكىم مەخسۇم نۇتقىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: «قەدىرلىك جامائەت مەن سۆزۈمنى ئۇزاتمايمەن، شەرقىي تۈركىستاننى سىلەر ياخشى بىلىسىلەر. ھازىر پەلەستىندە بولۇۋاتقانلار شەرقىي تۈركىستاندىكىسىدىن نەچچە مىڭ ھەسسە ياخشى. پەلەستىندە بولغانلارنى سىلەر ئاڭلاپ تۇرىسىلەر، ئەمما تۈركىستاندا بولغانلىرىنى ئاڭلىمايسىلەر ۋە كۆرمەيسىلەر. ئۇ جايدا دىن ئوقۇغانلىقى ۋە قۇرئان ئۆگەنگەنلىكى سەۋەبلىك ياش بالىلار تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتىدۇ.

ياشلىرىمىزدا ئىسلامغا بولغان قىزىقىش ناھايىتى زور بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ. كادىرلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ۋە روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلغان. خەلقىمىز شۇنداق قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆز ئەقىدىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە ۋە مۇندىن كېيىنمۇ چوقۇم ساقلاشقا تىرىشىدۇ. سىلەردىن سورايدىغىنىمىز شۇكى، بۇ ئۇلۇغ رامزان كېچىلىرىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتلەردە خەلقىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى سورايمىز.»

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلار ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ نۇتقىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جامائەت ھەممە بىرلىكتە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىشتى. بۇ ئۇلارنىڭ نۇتۇقتىن تەسىرلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئولتۇرغانلاردىن ھەر بىرى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنى ئوتتۇرىغا ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلارنى ئالدى. ئاندىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە قولىدىن كەلگەنچە دىنىي قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.