سەۋر بىلەن چىدام ئىنسان ئۆزىنىڭ روھى ۋە نەپسى خاھىشى بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، بىر ھەدىستە:" ھېچكىمگە سەۋردىن ئارتۇق ۋە كەڭ سوۋغا بېرىلگىنى يوق" دەپ كەلگەن. چۈنكى سەۋرچانلىق بىلەن چىدام ئىنساننىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇللا ھاجىم سەۋرچان بولۇشنىڭ مەنىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " سەۋر قىلىش كۆڭۈل ھاۋايى - ھەۋەسنى ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلىشنى ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، ئەقىلنىڭ نىداسىغا قۇلاق بېرىپ، بۇنداق ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىش، ئازار، كۈلپەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا، كېسەللىكلەرگە، نامراتلىققا، مۇسىبەتلەرگە ۋە بالايى - ئاپەتلەرگە چىداشلىق بېرىپ، ئۆزىنى يوقاتماسلىقتۇر. ھەقىقىي سەۋر ئىنساننى گۇناھ، مەسىيەتلەردىن توسىدۇ ۋە ئۇ ئىشلارنى قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ. ھەقىقى سەۋر ۋە چىدامغا ئىگە بولغان ئادەم ھاياتىدا ئۇچرىغان چوڭ سىناقلار ئالدىدا تىت - تىت بولمايدۇ، گاڭگىراپ قالمايدۇ، تەقدىردىن ئاغرىنمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئاللاھنىڭ سىنىقى دەپ چۈشىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ۋە سىناقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدۇ. سەۋر كۆپلىگەن كىشىلەر چۈشەنگەندەك، ناھەقچىلىككە، زۇلۇمغا ۋە يامانلىققا كۆز يۇمۇپ جىم تۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە، يامانلىقنى قايتۇرۇش، زۇلۇمنى يوق قىلىش ۋە ھەققانىيلىقنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھارماي - تالماي ئىشلەش ۋە بۇ يولدا چىداملىق بولۇش سەۋرنىڭ جەۋھىرىدۇر."
سەۋرنىڭ ئەھمىيىتى
ئابدۇللا ھاجىم سەۋرنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق يەنە مۇنداق دېدى:" ئىنسان رېئال تۇرمۇشتا تەقدىرنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىغا ئۇچرايدۇ. بەزىلىرى شۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ۋايساپ تەقدىردىن ۋە زاماندىن ئاغرىنىدۇ، سىناقلار ئالدىدا تەمتىرەيدۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن سىناق دەپ قارىمايدۇ. نەتىجىدە شۇ سىناقلاردىن ئۆتەلمەي بىر ئۆمۈر قايمۇقىدۇ. بەزىلەر بولسا سىناق ۋە كۈلپەتلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ سىناق ۋە كۈلپەتلەرنى يېڭىش ئۈچۈن بارلىق سەۋەبلەرنى ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئاللانى ئەسلەيدۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ ئۇنىڭ مۇشكىلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، سىناقلاردىن ئۆتۈشكە ياردەم قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ سەۋر قىلغانلىقىغا ۋە چىداملىق بولغانلىقىغا كاتتا ئەجىر ۋە ساۋاب بېرىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە:" سەۋر قىلغۇچىلارغا ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز" دەپ كۆرسىتىلگەن."
چىداملىق بولۇش ئۈچۈن سەۋرچان بولۇش كېرەك
ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، چىداملىق بولۇش تۇرمۇشقا ئادىل قارايدىغان كىشىلەرنىڭ شوئارى، پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مىزانى بولۇپ، سەۋر بىلەن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەۋرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن قىيىن. شۇڭا چىداملىق بولۇش ئۈچۈن سەۋرچان بولۇش كېرەك. سەۋر چىدامنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە نەتىجىسىدۇر.