ئالماتادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەركىزىي ئاسىيادىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆز-ئارا ھەرىكەتلىشىشنىڭ ئىستىقباللىق مېخانىزمى سۈپىتىدە: ئاساسىي ئۇتۇقلار ۋە پائالىيەت مەسىلىلىرى» ماۋزۇسىدا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.04.20
shanghai-cooperation-organization-305.jpg شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرى. 2010-يىلى 25-نويابىر.
AFP

19-ئاپرېل كۈنى ئالماتادا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى پەن كومىتېتى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەركىزىي ئاسىيادىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆز-ئارا ھەرىكەتلىشىشنىڭ ئىستىقباللىق مېخانىزمى سۈپىتىدە: ئاساسىي ئۇتۇقلار ۋە پائالىيەت مەسىلىلىرى» ماۋزۇسىدا يۇمىلاق ئۈستەل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1996-1997-يىللىرى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان تەرىپىدىن قۇرۇلغان «شاڭخەي بەشلىكى» ھەربىي ساھەدىكى ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش ۋە چېگرا رايونىدا قوراللىق كۈچلەرنى ئۆز-ئارا قىسقارتىش ھەققىدە كېلىشىمگە قول قويغان ئىدى. 2001-يىلى ئۇ ئۆز تەركىبىگە ئۆزبېكىستاننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن. مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرى تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئارا ئىشەنچنى ۋە قوشنىدارچىلىقنى كۈچەيتىشتىن، ئۇلارنىڭ سىياسىي، سودا ، ئىقتىساد، ئىلمىي-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە نەتىجىلىك ھەمكارلىشىشىغا ياردەملىشىشتىن، رايوندىكى تىنچلىقنى، بىخەتەرلىكنى ۋە تۇراقلىقنى بىرلىشىپ تەمىنلەش ۋە ساقلاشتىن، دېموكراتىك، ئادىل ۋە ئورۇنلۇق يېڭى خەلقئارالىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تەرتىپ ئورنىتىشقا ئىنتىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

يىغىن مابەينىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا بوشلۇقىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلات سۈپىتىدە گېئوسىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسلىرىنى، ئۇنىڭ ئون يىل ئىچىدە ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى، تەشكىلاتنىڭ رايون خاراكتېرىدىكى بىخەتەرلىكنى تەمىنلەشتىكى، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي-خەيرىخاھلىق ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى رولىنى، تەشكىلات ۋە قازاقىستاننىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى، قازاقىستاننىڭ تەشكىلاتقا رەئىسلىك قىلىشى: مەركىزىي ئاسىيادا تىنچلىقنى، بىخەتەرلىكنى ۋە تۇراقلىقنى قوللاشتىكى تەشەببۇسلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان ئىدى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىرىنچى پرېزىدېنتىنىڭ فوندى يېنىدىكى دۇنياۋى ئىقتىساد ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى، ئەل فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ئىنستىتۇتى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش مەركىزىنىڭ ئىجتىمائىي فوندى، خەلقئارالىق تىجارەت ئاكادېمىيىسى، رىسكۇلوف نامىدىكى قازاق ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتى، شۇنداقلا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، شەرىقشۇناسلىق ۋە ئىقتىساد ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، يېتەكچى تەتقىقاتچى-ئالىملىرى قاتناشتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش مەركىزى ئىجتىمائىي فوندىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قانات بېرېنتايېف مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.