ھەربىي فورما بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا يەرلەشتۈرۈلگەن شاڭخەيلىك پاھىشە ئاياللار

1955 - يىلى 4 - ئايدا شاڭخەي شەھەرلىك ئاياللارنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان پاھىشە ئاياللاردىن 920 نەپىرى ئالاھىدە ھەربىي قىسىم قىلىپ تەشكىللىنىپ خىتاي «خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى» نىڭ فورمىسى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.02.13
shanghai-pahishe-herbi-ayallar-305.png «خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى»»نىڭ ھەربىي فورمىسى كىيىندۈرۈلۈپ، 1955-يىلى ئۇيغۇر رايونىغا يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن شاڭخەيلىك پاھىشە ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە قىسىم. (مەنبە: ئۇيغۇربىز تورى)
UyghurBiz.com


يېقىندا «ئۇيغۇربىز» تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي شەھىرىدىكى چوڭ - كىچىك پاھىشىخانىلاردىن زور تۈركۈمدىكى پاھىشە ئاياللارنى يىغىۋېلىپ، ئاياللارغا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىغان مەخسۇس ئورۇن تەسىس قىلىدۇ. 1949 - يىلى ئەتىيازدا خىتاي «خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى» شاڭخەينى ئالغاندىن كېيىن، دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ شەھەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان ھەربىي قىسىم جەڭچىلىرى «قىزىل چىراق» رايونىدىكى پاھىشىخانىلارنىڭ تەسىرىدە تۇرمۇشتا چىرىكلىشىش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

1955 - يىلى 4 - ئايدا، يەنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى قۇرۇش ئىشى پىلانلىنىۋاتقان كۈنلەردە، ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي رايوندىن بىر ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ھەربىي ئەمەلدار مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن شاڭخەيگە كېلىدۇ. ئۇ شاڭخەيدىكى ئاياللارنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا بېرىپ، بۇ يەردە «ئۆزگەرتىلىۋاتقان» پاھىشە ئاياللارغا «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئارمىيىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىش» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرۇۋاتقان چېن يىمۇ «پاھىشە دېگەن بۇ سۆز يېقىن كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ لۇغەت فوندىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ» دەپ ئىلھام بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكى پاھىشە ئاياللار بەس - بەس بىلەن ئارمىيىگە تىزىملىتىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇچىسىغا خىتاي «خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى» نىڭ سېرىقرەڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيىدۇ. 1955 - يىلى 4 - ئايدا 920 نەپەر پاھىشە ئايالدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە ھەربىي قىسىم ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، «نەننىۋەندە بوز يەر ئېچىش» دېگەن قىزىل ناخشىنى ئېيتقان ھالدا تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئېتىكىگە يېتىپ كېلىدۇ.

ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە جىددىي كېڭىيىۋاتقان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى»نىڭ ھەرقايسى دىۋىزىيەلىرىگە تەقسىم قىلىنىپ، بۇ يەردىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىدىن ئۆزگەرتىلگەن ھەربىيلەر بىلەن تويلاشتۇرىلىدۇ. شۇندىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدىن ئارمىيە فورمىسى كىيگەن تۈركۈم - تۈركۈم ئاياللار «چېگرا رايوننى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش» شۇئارى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ يەرلىشىدۇ ھەمدە بىڭتۇەندىكى ئەسكەرلەر بىلەن تويلىشىپ بالا - چاقىلىق بولىدۇ. 1950 - يىللاردا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پىلانلانغان ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.