شاۋگۈەندىكى ئىشلەمچى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى ئاشكارىلاندى

ياپونىيىلىك ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور ئونىشى ئەپەندىنىڭ يېقىندا ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي پەرقلەر» ناملىق كىتابى ۋە بۇ كىتابتىكى شاۋگۈەن شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى ئىشلەمچى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى توغرىسىدا بەرگەن ئۇچۇرلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012.11.06
shawguen-shuri-onishi-kitab-305.jpg ياپونىيىلىك ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور ئونىشى ئەپەندى «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي پەرقلەر» ناملىق كىتابى شاۋگۈەن شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا ئائىت بېتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Qutluq Haji

2009-يىلى ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بەرگەن باياناتىدا شاۋگۈەندىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەخەت سايىت مۇخبىرلارغا زاۋۇتتىكى ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 819 نەپەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن 45 نەپىرىنىڭ تۈزۈمگە بويسۇنماي كېتىپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 1200 سوم ئىكەنلىكىنى ۋە شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ھاشىمجان ئەمەت بىلەن سادىقجان غازى قاتارلىق ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 81 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مانا ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ياپونىيىلىك ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور ئونىشى ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي پەرقلەر» ناملىق ئەسىرىنىڭ 3-بابىدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ما لۇڭ ئەپەندى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتى يەنى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى شەھەرلەرگە يۈزلىنىشى ۋە قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش تەكشۈرۈش دوكلاتى» نى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق، شاۋگۈەن شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى قەشقەر توققۇزاقتىن يۆتكەلگەن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ سانى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى زاۋۇتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى قوشۇپ، مۇنداق بايان قىلغان:
‏-«مانا بۇ سۈرەت، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتى. زاۋۇتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ئون سەككىز مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مىڭ نەپىرى ئۇيغۇر، يەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدىن كوللېكتىپ يۆتكەپ كېلىنگەن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى. بۇ سۈرەت ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تارتىلدى. زاۋۇتنىڭ دەرۋازىسىغا ‹مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوق› دەپ يېزىلغان.» مانا بۇ دەلىل-ئىسپات خىتاينىڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىر بولغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ما لۇڭنىڭ دوكلاتىدىكى بايانلاردۇر. ما لۇڭ دوكلاتىدا شاۋگۈەن ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالمىغان شۇنداقلا ئۇنىڭ دوكلاتىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ سانى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەخەت سايىتنىڭ بەرگەن دوكلاتىدىكى سان سېلىشتۇرمىسىدا تولىمۇ چوڭ پەرق بارلىقى ئاشكارىلانغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئەينى ۋاقىتتىكى 26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەتراپلىق توپلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.