شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدە يېڭى تەكشۈرۈشلەر
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.07.24
2009.07.24

Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ.
بايانات ۋە دوكلاتلاردا، ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەم سانى يەنىلا گۇمانلىق پېتى تۇرماقتا. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە بىر قىسىم ئوبيىكتىپ باھالارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
شاۋگۈەندىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىگە تەۋەدۇر. توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەخەت سايىت ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن مەلۇماتىدا، زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار سانىنىڭ ئەسلىدە 819 ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەن؛ ئەمما ھازىرقى سانىنى ئېنىق ئېيتمىغان. ئۇ مەلۇماتىدا، 819 كىشىدىن 45 نەپىرىنىڭ يۇرتىغا، 5 نەپىرىنىڭ باشقا جايلارغا قايتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ھازىر قېپقالغانلار سانى ھەققىدە 760" نەچچە " دېگەن مۈجىمەل ئىپادە قوللانغان.
ئەخەت سايىتنىڭ مەلۇماتىدىكى بۇ مۇجىمەللىك شاۋگۈەن ۋەقەسىدە ئۈلگەنلەر سانى ھەققىدىكى گۇماننى كۈچلەندۈرمەكتە.
ئامېرىكىدىكى ئاسىيا ئۇچۇر تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن كۈنى شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي تەرەپنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى ھەققىدە ئېيتقانلىرى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىۋاتقان سانى ناھايىتى پەرقلىق. مۇستەقىل بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى مەخسۇس ئېنىقلاپ چىقمىغىچە، بۇ ساننى ئايدىڭلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس."
بۇ تەتقىقات ئورنى شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ كۆرۈنۈشتە، بىر ئۆسەك سۆز سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا، كۆچمەن سىياسىتىدىكى تەدبىرسىزلىكنىڭ پاجىئەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەتقىقات ئورنى دوكلاتىدا مۇنداق دەيدۇ: " مەدەنىيەت جەھەتتىن تامامەن ئوخشىمىغان، ئۆز - ئارا تىلىنى ئۇقۇشمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىىسىدا تارىخىي مەسىلىلەر بولغان ئىككى مىللەت ياشلىرىنى بىر ئوۇندا ئىشلەشكە تەشكىللەش ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر."
بۈگۈن يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەتقىقات مەركىزىمۇ، شاۋگۈەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقا بىر دوكلات ئېلان قىلدى؛ دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋتتە شاۋگۈەندىكى ئۇيغۇرلار، زاۋۇتنىڭ سىرتىدا مەخسۇس ھازىرلانغان ئىككى سېخقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە بىلدۈرۈلۈشىچە، توققۇزاق ناھىيىسىدىن گۇاڭدۇڭغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ سانى 3400 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ 819 نەپىرى شاۋگۈەندە. شاۋگۈەندىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ چوڭى 32 ياش، كىچىكى 18 ياش بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى 21 ياش ئەتراپىدا. بۇلارنىڭ ئىچىدە 74 جۈپى ئەر - ئايال.
توققۇزاق ھاكىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاۋگۈەنگە كەلگەن ئىشچىلارنىڭ 80 ى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا؛ 20% ى بولسا تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە. زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئارىسىدا، تولۇقسىزدىن تۆۋەن مەلۇماتلىق ياكى جىنايەت تارىخى بار ياشلار يوق. توققۇزاق ھاكىمى سۆزىدە زاۋۇتتىكى ياشلارنىڭ ناخشا - ئۇسۇلغا ئامراق، شوخ ئەمما ئاقكۆڭۈل ۋە ئىشچان ياشلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گۇاردىيان گېزىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىچە، زاۋۇتتىكى خىتاي ئىشچىلار، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش ۋە ئولتۇرۇپ قوپۇشىنى ياختۇرمىغانلىقىنى، ئىككى مىللەت ئىشچىلىرى ئارىسىدا داۋاملىق سۈركىلىش بولۇپ تۇرغانلىقىنى، قىسقىسى بۇ ئىككى مىللەت ياشلىرىنىڭ بىر جايدا ئېناق ياشىيالىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينى كۆچمەن ۋە ئىشچى يۆتكەش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرماقتا. مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار يەنە ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ۋەدىلەرگە ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇت - كارخانىلارغا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردىن ئىشچى قوبۇل قىلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا.
توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەخەت ياسىن 20 - ئىيۇل كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن مەلۇماتىدا، ئىچكىرىگە ئىشچى يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، چۈنكى توققۇزاقنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەشتە، زورلاش ۋە مۇھتاج قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل مەجبۇرلاش شەكلىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
توققۇزاق ھاكىمى ئەخەت ياسىن نۆۋەتتە شاۋگۈەندىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشىنىڭ 1200 يۈەن ئىكەنلىكىنى، توققۇزاقتا بۇنچىلىك پۇل تېپىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 6 ئاي ئىشلىشى كېرەكلىكىنى ئاشكارىلىغان.
شاۋگۈەندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا نۇر بەكرىنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن توققۇزاق ھاكىمىنىڭ پوزىتسىيىسى ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، بۇ پەرق چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭمۇ نەزىرىدىن قاچمىغان.
بۇ ھەقتە ئەسكەرتىش بەرگەن تەيۋەن مۇخبىرى ئەخەت ياسىننى ئۇيغۇر ئىشچىلارغا قارىتا مېھرى - مۇھەببىتى سۆزىدىن ۋە ئاھاڭىدىن بىلىنىپ تۇراتتى دەپ يازغان. نۇر بەكرى شاۋگۈەن ۋەقەسىگە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنتىزامسىزلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىشارەت قىلغان ئىدى.