تۈركىيىدە 'شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ ' ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيىنىڭ خوجائىلى شەھىرىدە خوجائىلى ئايدىنلار ئوجاغى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاسىيا مېھمانخانىسىدا، 'شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ ' ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009-11-12
Share
Dr-Maxmut-qeshqeri-yighinda-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﺋﯩﻠﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﻮﺟﺎﺋﯩﻠﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻨﻼﺭ ﺋﻮﺟﺎﻏﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 'ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؟' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

يىغىنغا خوجائېلى دەرىنجە شەھەر باشلىقى ئەزىز ئالەمدار، بۇرسا مۇستافاكامالپاشا شەھەر باشلىقى سادى قۇرتۇلان، بەكىرپاشا شەھەر باشلىقى ئابدۇللاھ كۆكتۈرك، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى خوجائىلى شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەسەن ئاياز، خوجائىلى يۆرۈكلەر جەمئىيىتى رەئىسى مەھمەت ئۆزەر،خوجائىلى شەھەرلىك تاشقى ئىشلار مەسئۇلى يۈكسەل ئۆزدەمېر قاتارلىق كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا ئاساسلىقى شەھەر باشلىقلىرى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، دوكتور، پروفېسسورلار، يازغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ يىغىن ناھايىتى جىددىي بىر كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىس ۋەكىلى پروفېسسور سولتان مەھمۇت قەشقەرلى ۋە باش كاتىپ ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەرمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى.

خوجائېلى گېزىتىنىڭ 2009 ‏ - يىلى 11‏ - ئاينىڭ 8 ‏ - كۈنىدىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، يىغىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا خوجائىلى ئايدىنلار ئوجاغى جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ئاھسەن ئوكيار ئەپەندى ئېچىلىش نوتىقى سۆزلىدى.

ئاھسەن ئوكيار ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "شەرقىي تۈركىستاندا قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتىدۇ، ئەمما تۈرك ئىنسانلارنىڭ كۈن تەرتىپىدە شەرقىي تۈركستان يوق. كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى خەرىتىدىنمۇ كۆرسىتەلمەيدۇ. كىشىلەر قۇتادغۇبىلىكنىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇت قەشقىرىينى ياخشى بىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ياشىغان تۇپراقلاردىن خەۋەرسىز. 1950 ‏ - يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر بەش يىلدا بىر توقۇنۇش ۋەقەسىگە شاھىد بولغان شەرقىي تۈركىستان كوچىلىرىدا قەتلىئام يۈز بېرىدىغان، قانلار ئاقىدىغان بىر جۇغراپىيىگە ئايلاندى. شەرقىي تۈركىستاننى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز."

يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىس ۋەكىلى پروفېسسور سولتان مەھمۇت قەشقەرلى ۋە باش كاتىپ ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەرمۇ سۆز قىلىپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە يېقىنقى ۋەزىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

يىغىن ئاخىرىدا خوجائىلى ئايدىنلار ئوجاغى تەرىپىدىن پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ۋە باش كاتىب ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەرگە، يىغىنغا قاتناشقانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ شەرەپ گۇۋاھنامىسى تەقدىم قىلىندى.

تۈركىيىنىڭ خوجائېلى شەھىرى، ئىزمىت شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
 
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت