دوكتور مۇستافا 'شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى' تېمىسىدا ماقالا ئېلان قىلدى

مەركىزى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە، 2009 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى دوكتۇر مۇستافا تۇرغۇت دېمىرتەپە تەرىپىدىن يېزىلغان 'شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى' تېمىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009-11-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ، 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 11 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﺗﯘﺭﻏﯘﺕ ﺩﯦﻤﯩﺮﺗﻪﭘﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ 'ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ' ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺗﻮﺭﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ، 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 11 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﺗﯘﺭﻏﯘﺕ ﺩﯦﻤﯩﺮﺗﻪﭘﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ 'ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ' ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺗﻮﺭﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.usakgundem.com دىن ئېلىندى.

بۇ ماقالىدا ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئاسىملىياتىسىيە قىلىش سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش يوللىرى ھەققىدە توختالغان.

ماقالا مۇنداق باشلانغان، 10 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى خىتاي دائىرىلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن 6 ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، 7 ‏- ئايدىكى نامايىشتا خىتاي بىخەتەرلىكنى قوغداش كۈچلىرى تەرىپىدىن يۈزلىگەن ئاممىۋىي خەلق قەتلى قىلىندى ۋە مىڭلارچە ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ ھەر خىل قىيىن قىستاقلارغا دۈچ كەلدى.

خىتاي سىياسەتلىرىگە قارىتا قارشىلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى قۇرقۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر سىياسى چاقىرىق دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغان بۇ قارار، بۈگۈنگىچە يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرى زەنجىرىنىڭ پەقەت يېڭى بىر ھالقىسى.

1990 ‏- يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە خەلقئارا كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە دىققەت قىلىپ بۇ سىياسەتلەرگە قارشى تىز پۈكمىگەن مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، مەكتەپ ۋە خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دوكلاتلاردا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، خىتاي 1949 ‏- يىلى رايوننى ئىشغال قىلغاندىن ھازىرغىچە ئاسىملىياتىسىيە سىياسەتلىرىنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، خىتاي دائىرىلىرى تۈنجى باسقۇچتا ئىشغالىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنى ئازايتىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلارغا قىسمەن ئاپتونومىيە بەردى. ئەمما بۇ ھەق ۋە ئەركىنلىكنى تەدرىجى قايتۇرۇۋالدى ۋە ئۇيغۇر تۈرك سالاھىيىتىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ سېستىملىق بىر ئاسىملىياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزدى. ئوخشاش مەقسەتتە يەنە، قەشقەر ۋە تۇرپانغا ئوخشاش قەدىمى تۈركىستان شەھەرلىرىدىكى تۈرك ‏- ئىسلام ئەسەرلىرى ۋە تارىخى يادىكارلىقلار سېستىملىق ھالدا ۋەيران قىلىنىپ رايوندىكى تۈرك ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشماقتا. خىتاي ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسمىلىياتسىيە قىلىشقا ئالاقىدار بۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە موسكۋانىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا ئەمەلىيلەشتۈرگەن سىياسەتلىرىگە ئوخشاش ئىشغالىيەت سىياسىتى ئىجرا قىلماقتا ۋە رايونغا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىق سالاھىيىتىنى يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، رايون مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ كاپىتالىزمغا قاراپ يۈزلىنىش جەريانىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەرقىي تۈركىستاندىمۇ كۆرۈلمەكتە، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ تەرەققىياتتىن ھېچ پايدىلىنالمىدى. رايوندىكى پۈتكۈل شىركەتلەر خىتايلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ۋە كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق ۋە تىجارەت قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ئۇيغۇرلار جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاشقا ئىتتىرىلدى.

ماقالىدا يەنە، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ۋاستە قىلىپ قوللانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشتا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بىر ۋاستە قىلىپ قوللانماقتا. شاڭخەي، ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، خىتاينىڭ، ئۈچ خىل كۈچ دەپ داۋا قىلغان ئاتالمىش'بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق، ئەسەبىي كۈچ' لەرگە قارشى بىر خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋاسىتىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى 'بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق، ئەسەبىي كۈچ' كە ئوخشىتىپ ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارىتا قارشى چىقىشقا ۋە ئەيىبلەشكە يول قويماسلىققا تىرىشىپ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىگەن ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنى بىر سىياسى ئاپپارات قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستانغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان دۆلەتلەر ۋە تۈرك مىللىتىگە تەۋە قېرىنداش 3 جۇمھۇرىيەت ئەزا بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بەرگەن باياناتىدا، 7 ‏- ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋە بۇنىڭغا قارشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق قول باستۇرۇشلىرىنى "خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى" دەپ قارىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيا جامائىتىگە يېتەرلىك تونۇشتۇرۇلمىغانلىقى ئايان. يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىمۇ كۆرۈلگەندەك خەلقئارا جامائىتىنىڭ خىتاي سىياسەتلىرىگە قارىتا قارشىلىقى يوق دىيەرلىك، بۇنىڭدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا جامائىتىگە ئۆز مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرۇشتىكى ئاجىزلىقى مۇھىم رول ئوينىغانلىقى سەلبىي تەسىر كۈچىنى كۆرسەتمەكتە. غەربتە تىبەتكە نىسبەتەن قىلىۋاتقان غەمخورلۇقنىڭ ئوندىن بىرىنىمۇ ئۇيغۇر تۈركلەرگە كۆرسەتمىدى. تىبەت خەلقىنىڭ داھىسى دالاي لاما دۇنيادا ئىمتىيازغا ئېرىشتى. غەرب ئەللىرى تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنداق بىر پۇرسىتى يوق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نېۋىزۋىك ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا سۆزلىگىنىگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن تېررورچىلىق بىلەن ئوخشاش كۆرۈلمەكتە.

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇرلار، مەسىلىلىرىنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن تىنچلىق ئۇسۇلدا خەلقئارا يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلغان بىر كۆرەش قىلىشى كېرەك بولماقتا. بۇ نۇقتىدا تىبەت مەسىلىسى دۇنيا جامائىتىگە تېخىمۇ كۆپ تونۇلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تىبەت ھەرىكىتى بىلەن ئورتاق بىر كۆرەش قىلىش سەھنىسى ھازىرلاش شەرقىي تۈركسىتان كۆرۈشى غەلىبە قىلىش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تېخىمۇ تەسىرى بولىدۇ.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: غەربتە يېقىنقى ۋەزىيەتلەرگە قەدەر، خىتايدا كاپىتالىزمغا قاراپ يۈزلىنىش بىلەن بىرلىكتە سوتسىيال ۋە سىياسى جەھەتتىن بىر ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى، دېموكراتلىشىشنىڭ تۈرتكە كۈچى بىلەن بىر ئوتتۇرا سىنىپنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەدرىجى دېموكراتىيىگە يۈزلىنىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. بۇ ۋەزىيەتتە مەركىزى ھاكىمىيەتنىڭ ئاز سانلىقلارغا قارىتا يېقىنلىشىشنىڭ تېخىمۇ ئەركىن بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئەمما بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خىتاينىڭ ئىچكى ئۆزگىرىشى بىلەن دېموكراتىيىلىشىدىغانلىقى ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى شۈبھە بىلەن قارالماقتا. بۇ نۇقتىدا مەسىلىنى خەلقئارا سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىپ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇش يولىنى ئىزدەش، ھېچ بولمىغاندا باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتالايدۇ، بۇ چارىنىڭ ھازىرچە تېخىمۇ نەتىجىلىك بولىدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى دوكتۇر مۇستافا تۇرغۇت، مەركىزى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى شۇنداقلا ئاقساراي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت