4 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.06.25
sherqiy-turkistan-qerindashlar-kingesh-yeghini-305.png 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Arslan


2012 - يىلى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە، 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى، سەفاكۆي، زەيتىنبۇرنۇ شۆبە مەسئۇللىرى قاتناشتى.

يىغىندا ئاساسلىق بۇ قېتىمقى دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، يىغىنىنىڭ مەزمۇنى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تېمىلار، يىغىننىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردا توختالدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەميىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت پائالىيەتلەردا ئورتاق ھەمكارلىشىش، ئۆز - ئارا خىزمەتلەردە بىر بىرىگە ماسلىشىش خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش مەسئۇلىيەتچانلىق ھىس - تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالدى.

دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى قاچان؟ قەيەردە؟ ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ بۇ يىغىننىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرى قانداق؟ بۇ قېتىمقى يىغىندا قانداق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؟ يەنى نېمە مەزمۇندا توختالماقچى؟ بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى نېمە؟ يەنى نېمە مەقسەتتە ئۇيۇشتۇرۇلماقچى؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.