' شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيەت'

3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، گېرمانىيىنىڭ مانخايىم شەھىرىدە " شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيەت" ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتنى" شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى" ناملىق تەشكىلات بىلەن تۈركىيە ۋە ياۋرۇپادىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ھەمدە فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كۆپ خىل مەزمۇنلۇق بۇ پروگراممىغا مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان.

0:00 / 0:00

مەزكۇر پروگراممىنىڭ شۇئارى " بۈگۈن بارلىقىمىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن" دېگەندىن ئىبارەت بولغان. كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پروگراممىغا ئارىسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەمدە تاماشىبىنلارنى كۆز يېشى قىلغۇدەك دەرىجىدە تەسىرلەندۈرگەن.

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى " شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيەت" ناملىق بۇ پروگراممىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە بۇ پائالىيەتنى ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ كەڭ كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىشقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.