گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

«شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا پايتەختىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت مۇھىم مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ بىرى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.04.13
george-washington-university-elliott-binasi-305.jpg گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېللىئوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇت مەكتەپ بىناسى. 2009-يىلى 19-ئىيۇن.
wikipedia.org
13-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېللىئوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىدا «شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا بىر يۇمىلاق ئۈستەل شەكلىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ياردەملەر پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى شون روبېرتس ئەپەندى مۇھىم رول ئوينىغان.

بۇ يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا پايتەختىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت مۇھىم مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شون روبېرتس ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخى ۋە مىللەتپەرۋەرلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ئالىمىدۇر. يىغىندا ئۇيغۇر مۇتەخخەسىسلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف قاتارلىقلارمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يىغىنغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ۋە باشقا مەكتەپلەردە دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار، پروفېسسورلار ھەم بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتناشقان بولۇپ، سوئال-جاۋاب ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، شون روبېرتس، ئالىم سېيىتوف ۋە نۇرى تۈركەل ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مەزكۇر ئەربابلارنىڭ توختالغان تېمىسى بىر قەدەر كەڭرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى تۇتقان ئورنى، تېررورىزم مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى تېررورچىلىق بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنى قاتارلىق كەڭ نۇقتىلارغا قارىتىلدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.