مەزكۇر ئاكا - ئۇكىلارنىڭ ئىلگىرىكى تۈرمىدېشى ئابابەكرى قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاكا - ئۇكىلار قويۇپ بېرىلگەندىن بېرى ياخشى تۇرۇۋېتىپتۇ.
گۈەنتانامو تۈرمىسىدە 8 يېرىم يىلدەك تۇتۇپ تۇتۇلغان ئاكا-ئۇكا قېرىنداش مەھبۇسلار-ئەركىن ۋە بەختىيار مەخمۇت 23 - مارت شۋېتسارىيىگە ساق-سالامەت كەلدى. ئۇلار بىلەن ئىلگىرى گۈەنتانامودا بىرگە ياتقان تۈرمىداشلىرى ئۇلارنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشكەنلىكىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
2006 - يىلى گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئابابەكرى قاسىم، بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ نۆۋەتتە بىر يۈرۈش ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئاكا ئۇكا- قېرىنداشلار بىلەن سۆزلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، شۋېتسارىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرى بويىچە ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشكە ئىمكان بولمىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئەركىن ۋە بەختىيار ئىككىيلەن نۆۋەتتە بىر يۈرۈش بىنا ئۆيدە بىرگە تۇرىدىكەن. ئابابەكرى قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاكا-ئۇكىلار شۋېتسارىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئالبانىيە، بېرمۇدا ۋە پالاۋ جۇمھۇرىيىتىگە يەرلەشتۈرۈلگەن باشقا تۈرمىداشلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.
ئەركىن مەخمۇت ۋە بەختىيار مەخمۇت ئىسىملىك بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ شۋېتسارىيىگە كېلىشتىن ئىلگىرىكى كەچمىشلىرى تولىمۇ تەسىرلىك. 2001 - يىلى ئەركىن ۋە بەختىيار ئايرىم- ئايىم ھالدا پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا تۇتۇلۇپ ئامېرىكا دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋە 2002 - يىلى گۈەنتاناموغا يۆتكەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى كۈزدە پالاۋ ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز دۆلىتىگە قوبۇل قىلىشىنى خالايدىغانلىقى، ئەمما ئەركىن مەخمۇتنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەزكۇر خەۋەرنى ئۇققان بەختىيار مەخمۇت، ئۆز ئاكىسىنى گۈەنتانامودا قويۇپ پالاۋغا بېرىشنى رەت قىلىپ ئاكىسىغا ھەمراھ بولۇپ، داۋاملىق گۈەنتانامودا قېلىشنى تاللىغان. بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرنى تولىمۇ ھاياجانغا سالغان ئىدى.
2 - فېۋرال ئەتىگەندە، شۋېتسارىيە يۇرا شتاتلىق ھۆكۈمەت بايانات ئېلان قىلىپ، گۈەنتانامودىكى بەختىيار مەھمۇت ۋە ئەركىن مەھمۇت قاتارلىق ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئۆز شتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
3 - فېۋرال شۋېتسارىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى قارا چىقىرىپ، “ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدە بىگۇناھ ھالدا يىللاپ تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۇيغۇرنى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەجىدىن قوبۇل قىلىشىنى قارار قىلدۇق دەپ جاكارلىغان ئىدى.
بۇ ئۇيغۇرلار گۈەنتانامودا 2001 - يىلدىن بۇيان قامالغان ئاكا - ئۇكا مەھبۇس بەختىيار مەھمۇت ۋە ئەركىن مەھمۇتلار بولۇپ، ئۇلار ھازىر شىۋېتسارىيىنىڭ يۇرا ئۆلكىسىگە جايلاشقان مەلۇم بىر بىنا ئۆيدە بىرگە ياشىماقتا.
ئىلگىرى گۈەنتاناموغا جەمئىي 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 17 نەپىرى ئالبانىيە، بېرمۇدا، پالاۋ جۇمھۇرىيىتى ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈلدى. گەرچە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلىشكە ھازىرلانغان بولسىمۇ، بۇلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان مۇۋاپىق بىرەر دۆلەت چىقمىغاچقا يىللاپ گۈەنتانامودا يېتىپ كېتىشكەن ئىدى.
نۆۋەتتە، گۈەنتانامودا يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈپ ياتماقتا. بۇ ھەقتە توختالغان ئابابەكرى قاسىم بۇ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تېزرەك ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.