شىۋىتسارىيىنىڭ جۇرا ۋىلايىتى گۈنتانامودىكى 2 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش قارارى ئالدى

شىۋىتسارىيە بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ئىدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئالدىنقى كۈنى شىۋىتسارىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

0:00 / 0:00

شىۋىتسارىيىنىڭ جۇرا ۋىلايىتى 27 ‏- يانىۋار كۈنى ۋىلايەت مەجىلىسىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان. ۋىلايەت مەجىلىسىدە بۇ قارار 2 گە قارشى، 45 قوبۇل ئاۋاز بىلەن تەستىقتىن ئۆتكەن.

شىۋىتسارىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇرا ۋىلايىتىنىڭ بۇ قارارى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ شىۋىتسارىيىگە قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى كۈچلەندۈرگەن.

جۇرا ۋىلايىتى شىۋىتسارىيىدىكى 26 ۋىلايەتنىڭ بىرى بولۇپ، شىۋىتسارىيىنىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىغا جايلاشقان، نوپۇسى 69 مىڭ، تىلى فرانسىزچە. شىۋىتسارىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا، جۇرا ۋىلايىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە شىۋىتسارىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شىۋىتسارىيە ئويلىشىۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بەختىيار مەھمۇت ۋە ئەركىن مەھمۇتتىن ئىبارەت ئاكا - ئۇكا مەھبۇسلاردۇر. ئۇلار 2003 ‏- يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا قولغا ئېلىنغان. گۈەنتانامو تۈرمىسىدە ئۇچراشقان. بەختىيار مەھمۇت ئۆتكەن يىلى پالاۋغا قوبۇل قىلىنغان چېغىدا، ئاكىسىغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، پالاۋغا بېرىشنى رەت قىلغان.

جەمئىيەت باشلىقى ئەندەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئاكا - ئۇكا مەھبۇسلارنىڭ ھايات ھىكايىسى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسى شىۋىتسارىيە جامائەت پىكىرىدە مۇھىم كۈنتەرتىپنى ئىگەللىمەكتە.

شىۋىتسارىيىدە نۈۋەتتە 80 نەپەر ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. شىۋىتسارىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى 2000 ‏- يىلى قۇرۇلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.