رابىيە قادىرخانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى شۋېتسىيىدە زىيارەتتە بولدى
2011.01.31

ئۇلار شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شۋېتسىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «شۋېتسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى » نىڭ تەكلىپى بىلەن شۋېتسىيە پارلامېنتىدا سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەتتە بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مەمەت قاپلان ئەپەندى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرىنى تونۇشتۇردى. رابىيە قادىر خانىم بولسا، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇچرىشىشتىن كىيىن، رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى.
چۈشتىن كېيىن، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلىمى بولۇپ ئۆتتى ۋە جەمئىيەتنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى سايلاپ چىقىلدى. سايلامدىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرۈشۈشكە كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن چاۋاكلىرى ۋە مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئىجراسىدىكى «رابىيە ئانا» دېگەن ناخشىنىڭ ساداسى ئىچىدە زالغا كىرىپ كەلدى.
زالدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى. رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6 يىلدىن بىرى ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بەزى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز قىلدى.