شۋېتسىيە مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمىئىيتىنىڭ ئىسلام مەسىلىلىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلماقچى

شۋېتچە چىقىدىغان «شىۋېتسىيە مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيتى» نىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشچە، شۋېتسىيە مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيتىنىڭ 32 - قېتىملىق ئىسلام مەسىلىلىرى يىغىنى - 12ينىڭ - 23كۈنىدىن - 25كۈنىگىچە ستوكھولىمدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلماقچى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2012.12.21
dolqun-eysa-shwitsiye-dokilat-305.png دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دوكىلات بەرمەكتە
RFA/Yalqun


شىۋېتسىيە مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيتى شىمالىي ياۋرۇپادىكى كۆلىمى بىرقەدەر زور بولغان، نامى بار جەمىئىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 32 يىلدىن بىرى يىلدا بىر قېتىم ستوكھولىمدا ئىسلام مەسىلىلىرى بويىچە يىغىن چاقىرىپ، ئىسلام دۇنياسى دۇچ كىلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ كەلمەكتە.

ھەر يىللىق يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان كۆزگە كۆرۈنگەن ئىسلام دىنى ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى سۆزگە چىقىپ، لېكسىيەلەر ئوقۇيدۇ ۋە مۇھىم مەسىىلىلەر ھەققىدە نەق مەيدان مۇنازىرىلىرى ئېلىپ بارىدۇ.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بۇ يىغىنغا 6 يىلدىن بىرى ئىزچىل تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بىردىن - بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇپ، ھەر يىللىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىرىشپ كەلمەكتە.

بىز يىغىن ئېچىلىش ھارپىسىدا، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ يىللىق يىغىن ئۈچۈن قانداق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشىلىگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇيۇشمىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھنى زىيارەت قىلدۇق.

ئابدۇللاھنىڭ بىلدۈرۈشچە، ئۇلار يىغىن مەزگىلىدە شىمالىي ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شۋېتسىيىگە كېلىش ئىمكانى بولغان دىنىي زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە باش قوشۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەرەب تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا، جۈملىدىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەر ئارىسىدا قانداق تونۇشتۇرۇش مەسىلىسى ۋە ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.