سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ياپونىيىنىڭ بەش ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكلات بەردى

ئوبزورچى ۋە سىياسىيون سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا. ئۇ 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كانويا ئارىلىدىكى 5 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-06-21
Share
Sidik-Haji-Rozi-Yaponiyide-doklat-beriwatidu-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 21 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا ياپون ۋە چەتئەللىك ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا خىتايدىن ياپونىيىگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتنىشىپ سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىدىن ھەرخىل سوئاللارنى سورىغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ياپونىيىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يېپىق سۆھبەت يىغىنلىرىغا قاتناشقان بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ۋە در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت