سدىقھاجى روزى ئەپەندى توكيودا مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.07.31
2009.07.31
RFA Photo / Erkin Tarim
31 - ئىيۇل كۈنى سىدىقھاجى روزى توكيو شەھىرىدىكى خەلقئارا ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىنغا ياپون ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن بولۇپ، كۆپ ساندا مۇخبىر قاتناشقان.
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، سىدىقھاجى روزى ئاساسلىقى مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بولۇپمۇ 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئوبزورچى سىدىقھاجى روزىنىڭ يالتا يىغىنى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى مۇخبىرلارنىڭ دىققەت - ئىتىبارىنى تارتقان.
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سىدىقھاجى روزىدىن يەنە نېمە سوئاللارنى سورىدى؟ سىدىقھاجى روزى قانداق جاۋاب بەردى؟
بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىنى ئويۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان ياپونىيە كاگوشىما ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.